نىكاھ گويا بىر ۋېلىسىپىت
نىكاھ گويا بىر ۋېلىسىپىت . ۋېلىسىپىتنى يېڭى سېتىۋالغاندا ، ئۇنى ئىنتايىن ئاۋايلاپ ، ئاسراپ ئىشلىتىمىز . ۋېنتىلىرىنى چىڭىتىپ ، مايلاپ ، ھەر كۈنى سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرىمىز . بىراق ھەرقانچە ئاسرىساقمۇ ھامان ئۇنداق - مۇنداق كاشىلا چىقىپ تۇرىدۇ : پېدالى بوشاپ قالىدۇ ، ۋېنتىسى چۈشۈپ قالىدۇ . ھەتتا نېمە سەۋەپتىندۇر غىچىلدايدىغان بولۇپ قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى رېمونت قىلىش خۇشياقماي قالىدۇ - دە ، بولۇشىچە مىنىپ يۈرىمىز .
جۇ گېلياڭنىڭ ئادەم تونۇش ئۇسۇللىرى
1. ھەق - ناھەق مەسىلىلىرىگە بولغان قارىشىنى سوراش ئارقىلىق ئىرادىسىنى كۆزىتىش .
2. ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلغان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزىتىش .
3.پىلانىنى سوراش ئارقىلىق ساددىلىقىغا قاراش .
4.بالا - قازا ۋە مۈشكۈلاتلارنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جۈرئىتىگە قاراش .
5. ھاراق بىلەن مەست قىلىپ خاراكتىرىگە قاراش .
6. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قاراپ پاكلىقىنى كۆزىتىش .
7. ئىش بېجىرىشىگە قاراپ ئىقتىدارىنى سىناش .
ماتېرىيالدىن