ئىگىسى: yalkun085

ئائىلىدە تاماقنى ئەر ئېتەمدۇ ياكى خوتۇن ئېتەمدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1507
تۆھپە
523
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 16:01:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرغىچە ئايالىمنىڭ بۇ ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ باقمىدىم(مەڭگۈلۇك شۇ نىيەتتە).

يالقۇن085 ئۇزلىرى ھازىرغىچە بۇ مەسىلىدە تىڭىرقاشتا تۇرىۋاتقان ئوخشىماملا؟؟؟
ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1452
تۆھپە
920
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 17:03:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالاش-تارتىش قىلماڭلار، ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە تاماق ئېتىش، كىر قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ پاتنېت ھوقوقىكەن. شۇڭا ئالدىراپ تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1245
تۆھپە
527
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:20:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-8-29 11:43
ئەمىسە سىز ئايالىڭىزنىڭ خىزمىتى بولۇشىنى خالىمايدىك ...

توغرا، چوقۇم خىزمىتى يوق قىز بىلەن توي قىلىمەن ياكى خىزمىتى بولسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشى كىرەك

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1711
تۆھپە
323
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 01:18:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازان بېشىغا يېقىن كەلسەم ئايالىمدىن تاياق يەيمەن، شۇڭا قەتئىي تالاشمايمەن.
كىر يۇياي دېسەم پېيىمنى كېسىۋېتىشتىن يانمايدۇ ئۇ ھازازۇل!
ئۆي تازىلاي دېسەم مەندىن بۇرۇن سۈپۈرگىنى ئېلىۋېلىپ مېنىمۇ قوشۇپ سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىدۇ.

يۇقارقى ئۈچ ئىشتا ئايالىمدىن ھەقىقەتەن قورقىمەن ،تالىشىشقا قەتئىي پېتىنالمايمەن.
شۇڭا تاماق ئېتىدىغان، كىر يۇيىدىغان ھەم ئۆي تازىلايدىغان ئەرلەر «مېنى كەچۈرۈڭلار، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن!»

Rank: 1

ئىسىمى
زەمران
تىللا
20
تۆھپە
2
UID
25747
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 13:08:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز باشقىلارنىڭ قۇلۇغىغا تازا ياقماسلىغى مۇمكىن.ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز؟( مەن بۇنى مۇنداق ئويلىدىم)مەن ئۆز كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي.....
1.بۇخىل تېمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى yalkun085 ئەپەندىمنىڭ بىكارچىلىقتا قىلدىغان ئىش تاپالماي قالغانلىغىدىن ئەمەس بەلكى جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالى سەۋەپچى بولغان.
2.يۇقارقى مەسىلە جەمئىيىتىمىزدە يوق ئەمەسقۇ؟ ئۇيغۇرلار ئىچىدە تېخىمۇ ئەۋجى ئېلۋاتىدۇ( مەسىلەن : بۇتوغرىسىدا ئىتوت ۋە فىلىملەر بار).
3.خۇددى ئايال زاتىنىڭ بالا تۇغۇشتەك ئىقتىدارى بولغاندەك ( ئەركىشى بۇخىل ئالاھىدىلىكتىن يىراقتۇر) بۇخىل پەزىلەت ۋە خىسلەت پەقەتلا ئايال كىشىگە خاستۇر ۋە ئايال زاتىنىڭ يارىشىغىدۇر.
4.مۇنەۋۋەر سانالغان ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆز قىزپەرزەنتىنى بالاغاتكە يەتكىچە ئۆينىڭ (تازىلىق،كىرقات يۇيۇش،تاماق ئېتىش) خىزمەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۆگىتىشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدۇ.
خۇلاسە: ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.    شۇڭا ھىلىقى ئېتوتتا دىيىلگەندەك( ئەركىشى قانداق ياشاش كېرەك دىسە « سىنى تاپقان داداڭدەك،مىنى تاپقان دادامدەك » جاۋاپ بېرىلگەن ،بۇجاۋاپ مىنىڭچە ئەڭ توغرا جاۋاپ،ئەر ئەردەك.ئايال ئايالدەك.   ئەر ئاياللىق باراۋەرلىگى ھەرگىز ئاشخانىدا ،ئۆزتازىلىغىدا ۋە ياكى كىرقات يۇيۇشتا ئىپادىلەنمەسلىگى لازىمدۇر.

Rank: 1

ئىسىمى
زەمران
تىللا
20
تۆھپە
2
UID
25747
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 15:35:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنىڭ ئۆزىگە خاس ئائىلە مەدەنىيىتىگە تاجاۋۇز قىلغان ئەركىشى ئۇيات قىلىش زۆرۈردۇر.
1.خىزمەتنى تەڭ قىلىش - ئائىلىدىكى ئاياللىق بۇرچىنى چەتكە قايرىپ قۇيۇش ياكى ئەرگە بۆلۈپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق( ئۇنداق بولماسلىغى كېرەك).
2.ئاتالمىش ئەر-ئايال باراۋەرلىگى ھەرگىز تاماق ئېتىش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز-ئارا بۆلۈش بىلەن ئەمەس بەلكە ئەر-ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ئوخشاش خىزمەتتىن ۋە سىياسىي.ئىژتىمائىي ئورۇندىن بەھرىمان بولۇش بىلەن ئۆلچىنىشى كېرەك.
3.ئەركىشى ئۆز خاسلىغىنى يوقاتسا بومايدۇ خۇددى( يولۋاس ئۆلتۈرگەن باتۇر ۋە كىريۇيىۋاتقان ئەر) دىگەندەك.
ئاياللار ھوقوقىنى قوغداش لازىم. ئەمما ئاياللارغا خاس بۇرۇچنى ئەركىشىگە يۈكلەپ قويۇشقا ياكى ۋەزىپە قىلىشقا بومايدۇ.

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
25692
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 20:25:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۆيدە مەن ئىشلەيمەن . يولدىشىم تاماق ئېتىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1507
تۆھپە
523
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 00:47:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
baxbalig يوللىغان ۋاقتى  2012-8-31 20:25
بىزنىڭ ئۆيدە مەن ئىشلەيمەن . يولدىشىم تاماق ئېتىدۇ.

سىز شۇنداق جاپالىق خىزمەت قىلامسىز؟؟
ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نائىلە
تىللا
426
تۆھپە
264
UID
1101
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 11:03:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
serjat يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 19:46
مىنڭچە چوقۇم ئايال ئىتىشى كىرەك! تاماق ئىتىش بالا بىقى ...

پىكرىڭىزنى قوللايمەن
نائىلە

Rank: 2

تىللا
122
تۆھپە
37
UID
23464
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 17:35:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى،قارماي دەك تەرەققى قىلغان تۇرمۇش ،خىزمەت رىتىمى تىز چوڭ شەھەرلەردە ئەرلەر تاماق ئتىپ  كىر-قات يۇيىدۇ چۈنكى ئاياللىرى قاتار چاي،دۇككان،ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش سالۇن(پەدازخانا) قاڭداپ ھىرىپ-ئىچىپ ئاران كىلىپ ئىرىگە پۇتىنى تۇتقۇزدۇ(ئادىل مىجىت ئىتوتىدا خىلى جانلىق تەسۋىرلىندۇ).
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-25 03:01, Processed in 0.068372 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991