كۆرۈش: 40936|ئىنكاس: 9

سادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھاپىزەتچىسى: ‹‹سادامغا ئۆڭكۈرنى مەن كولاپ ب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
114
تۆھپە
56
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:45:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھاپىزەتچىسى: ‹‹سادامغا ئۆڭكۈرنى مەن كولاپ بەرگەن››


Img211601429.jpg


    ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى يۇرتىدىكى تىكىرىت دىگەن جاينىڭ يېنىدىكى بىر دېھقانلار تۇرالغۇسىدىكى ئۆڭكۈردە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. شۇ يىلى سادامنى يوشۇرۇپ قويغان‹‹ئەڭ ئاخىرقى مۇھاپىزەتچى›› ئاررا نامىچ يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنياغا ئۆزىنىڭ سادامنى يوشۇرۇش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش جەريانىنى تۇنجى قېتىم بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە ئورۇش قىلىش قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر باياناتچىسى سادامنى قولغا ئالغان چاغدىكى كۆپ قىسىم تەپسىلاتلارنىڭ يەنىلا مەخپىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
   ئاررا نامىچ  16-ئاۋغۇست‹‹ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى››گە ‹‹سادامغا ئۇ ئۆڭكۈرنى مەن كولاپ بەرگەن››،دېگەن. ئاررا نامىچ  ئېيىتقان ئۆڭكۈر سادام ئەينى يىلى يۇشۇرۇنغان ‹‹ ئۆمۈچۈك ئۆڭكۈرى››نى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئۆڭكۈر ئىنتايىن كىچىك يەرئاستى ئاكوپى بولۇپ، ئاررا نامىچنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان. ئاررا نامىچ  2003-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، سادامنىڭ ئادېۋا بازىرىغا كېلىپ ئۆزىدىن ياردەم سورىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خۇشاللىق بىلەن قۇشۇلغانلىقىنى ئېيىتقان.  ئاررا نامىچ  : ئەرەب قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئىسلام قانۇنىغا ئاساسەن، بىرەر ئادەم ياردەمگە مۇھتاج بولغان چاغدا، كىشىلەر ياردەم قولىنى سۇنىشى كېرەك، دىگەن.
   ئاررا نامىچ: سادام كەلگەندىن تارتىپ قولغا ئېلىنغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سادامنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى يۆتكەپ تۇرىشىغا ئۆزلىكسىز ياردەم قىلغانلىقىنى، سادام قېچىپ يۈرگەن مەزگىلدە زادىلا يان تېلىفۇن ئىشلەتمىگەنلىكىنى، چۈنكى ئۇ ئامېرىكىلىقلارنى نازارەت قىلىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. سادام نۇرغۇن ۋاختىنى كىتاپ ئۇقۇش ۋە يېزىقچىلىققا سەرىپ قىلغان، ئۇنىڭ نەسىر ۋە شىئېر لىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق ئەسەرلىرى ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكا ئارمىيسى تەرىپىدىن مۇسادىر قىلىنىپ كەتكەن. ئەنگىلىيە ‹‹پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 16 –ئاۋغۇستتىكى خەۋرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئاررا نامىچ سادامنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىغا خەت يازغانلىقىنى لېكىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، پەقەت ئىككى ئوغلى ئۇداي بىلەن كۇسايلار ئۇنى كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى، شۇ قېتىمقى مەخپىي ئۇچۇرۇشىشنى ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيىتقان .
   بۇنىڭدىن سرت، سادام يەنە بىر نەچچە قېتىم لىنتىغا ئېلىنغان كەسكىن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ قولۇغۇچىلىرىنى ئامېرىكىلىقلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئاررا نامىچ ئامېرىكىلىقلارنىڭ لىنتىغا ئېلىنغان نۇتۇقنى يىپ ئۇچى قىلىپ سادامنىڭ ئىزدىرىكىنى سۈرۈشتۈرۈشى دىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ سادام بىلەن بىرلىكتە ئۇ نۇتۇقلارنى كىچىك ئۈنئالغۇغا ئالغانلىقىنى، يەنە ماشىنا بىلەن ئالاھىدە 10مىل يىراقلىقتىكى ساماررا شەھىرىگە بېرىپ شەھەر قاتنىشىنىڭ ئاۋازىنى لېنتىغا ئالغانلىقىنى ئېيىتقان.
   2003-يىلى 13-دىكابىر ئاررا نامىچ  سادام بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئازابلىق 6 ئاينى باشتىن كەچۈرگەن. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇنى ھەركۈنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى قوراللارنىڭ ۋە سادام ھاكىمىيىتىنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ نەدىلىكىنى ئېيتىقۇزماقچى بولغان. سادامنىڭ ئادۋوكاتى بىر كىتاپتا ئەيىپلەپ، ئاررا نامىچنىڭ ئاكىسى ئامېرىكىلىقلارغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ، سادامنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن، لېكىن ئاررا نامىچ  بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغان.
   ئاررا نامىچ  تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بىر نەچچە يىل تاكسىي شوپىرى بولغان. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ بىرئاز پۇل يىغىپ، يېقىندا بىر ئائىلە ئاشخانىسى ئاچقان. ئاررا نامىچ سادامنى يەنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدىكەن، ئۇ: ‹‹سادام ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەسىرگە ئېلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئېتىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئەمدى زۇڭتۇڭ ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى يېڭى ھەرىكەتلەرنى قاناتيايدۇردى، يەنى ئىشغالىيەتچىلەرگە قارىشى غازات ئۇرىشى قىلدى. دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، جۈملىدىن ئىككى ئوغلىنى قۇربان قىلدى››، دىگەن.

تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەن ھايات
تىللا
207
تۆھپە
51
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 14:48:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلمىغان نى-نى سىرلار ۋاقىتنىڭ  ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىدۇ...........


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
531
تۆھپە
280
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 17:00:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا «ئىشەنچ» دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس... ئەڭ ياخشىسى ئىنسان ئۆزىگىلا ئىشىنىش كېرەك...


سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 19:56:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلارنىڭ تۆمۈر  ئىشتان  ئىچىدە  ئۇسۇرۇپ قويسىمۇ  پۇرايدۇ دېگىنى راستە...........دۇنيادا ئۆزىدىن باشقا كىمگە  ئىشەنگىلى بولسۇن.....


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
909
تۆھپە
364
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 22:47:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ئىچىلمايدىغان سىرمۇ بارمىدۇ؟


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1699
تۆھپە
817
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:25:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ن كەمبىغەكلسىرسىز دۇنيا ئەمەسمۇ بەلكىم ئاشكارلانمايدىغان سىر بار .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەن ھايات
تىللا
207
تۆھپە
51
UID
25497
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 10:05:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلا بولىدىكەن شەيئىگە تەشنا،
مۇراتقا  يېتىدۇ  ھەركىمكى ئەسنا.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 17:12:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساداممۇ دەسلەپتە ئوزىگە بەك ئشەنگەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1489
تۆھپە
1145
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:52:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى بۇ راس ياكى يالغان بولسۇن بۇ ئەڭ ئاخىرقى قوغدىغۇچى .ئۇزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇريىتىنى ناھايىتى ياخشى ئورونلاپتۇ.


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
1
UID
28476
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 17:45:40يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻫەركىمنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئاخىرى ﻫېساپ بېرىدىغان ۋاقتى بولىدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-28 03:20, Processed in 0.084400 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991