دۆلەت بايرىمىدا مىنىبۇسلاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاتناش–تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش–تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدىن باشلاپ مىنىبۇسلاردىن يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن ھېيت–بايرام كۈنلىرىدە يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك مىنىبۇسلاردىن يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، ھەق ئېلىنىدىغان يوللارنىڭ ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
‹‹گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش–تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ھېيت–بايراملاردا مىنىبۇسلاردىن يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››غا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇ يىلدىن باشلاپ چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى ۋە ئۇلانما دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك مىنىبۇسلاردىن يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنى بېكىتتى. قاتناش–تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدىن باشلاپ ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قارار قىلدى.
جايلاردىكى قاتناش–تىرانسپورتقا مەسئۇل تارماقلار ۋە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ھازىرقى ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رەتكە سېلىشى، ھېيت–بايرام مەزگىللىرىدە يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك مىنىبۇسلاردىن يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق ئورۇنغا ئېنىق ۋە ئوچۇق بولغان يېتەكلەش، كۆرسىتىش بەلگىلىرىنى ئالدىن ئورنىتىشى، ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىل يولى بىلەن ھەق ئېلىنمايدىغان، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يوللارنى مۇۋاپىق لايىھەلىشى، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە پايدىلىنىشى كېرەك. ئاپتوموبىللار بىرقەدەر كۆپ ئۆتۈدىغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا، ھېيت–بايرام كۈنلىرىدە مىنىبۇس يولىنى ئايرىم بېكىتىش، ھەقلىق ۋە ھەقسىز قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئارىلاش قاتنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەخسۇس خادىمى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى؛ ھەرقايسى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى خادىملارنى كۆپەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نەق مەيداندا باشقۇرۇش ۋە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى مەسىلىسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھەق ئېلىش يول ئېغىزلىرى يېتىشمەيدىغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ، كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ھەق ئېلىش يول ئېغىزلىرىنى كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم.
بۇلاردىن باشقا، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھېيت – بايراملاردا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەلۇمات تاختىسى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ھېيت–بايرام مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئاپتوموبىللار توپلىشىپ قېلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك