شېئىرلار
نۇرمۇھەممەد توخنىياز
دوستۇمغا
ئەزىز دوستۇم تەكەببۇرلۇق، سېنىڭدىن مەڭگۈ يات بولسۇن،
گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل خىسلەت، ساڭا ھەردەم قانات بولسۇن.
ئىلىم ئىزدە، ئۆمۈرۋايەت، ئىلىم ئەھلى ئەزىز ھەرچاغ،
ئىلىمسىز ئەھلى غاپىللار، ھامان ئالدىڭدا مات بولسۇن.
ۋاقىت قىممەت، ھايات ئاندىن، بىھۇدە ئۆتمىسۇن ۋاقتىڭ،
ئۇلۇغ مەنزىلگە يەتمەكچۈن، سېنىڭدە ئىجتىھاد بولسۇن.
ئۆگەن ھارماي، تىرىش - تىرماش، گۈزەل ياشلىق ھاياتىڭدا،
ياراتقان تۆھپە ئەجرىڭدىن، ئاۋامنىڭ قەلبى شاد بولسۇن.
2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى (ئاۋات)
بولسا
كىشى ئۆتكەي، خۇشال ھەردەم، يامانلىقتىن يىراق بولسا،
گۈزەل ئارزۇ، ئەقىل – ئىدراك دىلىغا نۇر - چىراغ بولسا.
ھايات يولى ئېگىز - پەستۇر، قەدەمدە مۈشكۈلات كۆپتۇر،
قارارگاھقا يېتەر ئاخىر، نىيەت ئىقبالى ئاق بولسا.
بەخت، ئامەت، بولار ھەمراھ، كىشىگە ھەرقاچان، ھەرچاغ،
ئانا يۇرتقا، ئاۋام - ئەلگە، مۇھەببەت، ئىشتىياق بولسا.
ۋاپادارلىق، ساداقەتتىن، چۆمۈپ ئالەم سائادەتكە،
كۈلەر دىللار، قۇياش يەڭلىغ، جىمى ئالەم ئىناق بولسا.
2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى (ئاۋات)
دوختۇرخانا
ھەممە ئادەم كېسەلدەك گويا،
تۇيۇلىدۇ دوختۇرخانىدا.
بىرمۇ كارىۋات بىكار، بوش ئەمەس،
قاتار - قاتار كېسەلخانىدا.
ئاڭلىنىدۇ ئىڭراش، ۋايساشلار،
پات - پات ئاشۇ كېسەلخانىدىن.
نېمىشقىدۇر شۈركىنىپ تېنىم،
يىراقلاشتىم دوختۇرخانىدىن.
دوختۇرخانا ئەسلى شۇنداق جاي،
سەنمۇ - مەنمۇ كىرىپ قالىمىز.
كېسەل بولۇپ ئاغرىغاندا تەن،
ئاندىن ئۇنى ئەسكە ئالىمىز.
2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى (ئاۋات)
دوختۇر
سەن ئېلىشىپ ئەزرائىل بىلەن،
قۇتقۇزىسەن ئادەمنى، جاننى.
ئېھ مىننەتسىز، مېھنىتىڭ بىلەن،
سۆيۈندۈرۈپ تالاي، نىمجاننى.
يارىشىدۇ ئاپئاق خالىتىڭ،
خويمۇ سېنىڭ قامەت - بەستىڭگە.
ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەپ بىتىنىم،
ۋاپا قىلىپ كەلدىڭ ئەھدىڭگە.
بولۇپ شۆھرەت، تامادىن يىراق،
بۇلغىمىدىڭ ۋىجدان قەلبىڭنى.
ئادا قىلىپ بۇرچۇڭنى دائىم،
رازى قىلدىڭ ۋەتەن - خەلقىڭنى.
2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى (ئاۋات)
سۇ قەسىدىسى
تەشنالىقى قېنىپ زېمىننىڭ،
ياشنار سەندىن كۆكلەپ گۈل - گىياھ.
سەنسىز مەۋجۇت بولماس يېشىللىق،
گۈزەللىككە تولماس ھەم دۇنيا.
نە - نەلەردىن كېلىسەن ئېقىپ،
يەر - زېمىنغا باغرىڭنى يېقىپ.
سېنى ئىچىپ تولۇپ قۇۋۋەتكە،
قۇشلار كۆكتە ئۇچار پەرقېقىپ.
خاسىيىتىڭ، خىسلىتىڭ نۇرغۇن،
ساڭا مۇھتاج پۈتكۈل تەبىئەت.
ئايلانغۇسى ئالەم جەننەتكە،
ئېقىپ تۇرساڭ شۇنداق تائەبەد.
2012 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى(ئاۋات)
يۈرىكىمدە كۆيىدۇ بىر ئوت
خىيالىمدىن چىقمايسەن پەقەت،
ئۇخلىسامغۇ ئەسلا چۈشۈمدىن.
پەرۋانىگە ئوخشاش ھەر دائىم،
كېتەلمەيمەن ئەگىپ قېشىڭدىن.
يۈرىكىمدە كۆيىدۇ بىر ئوت،
سېغىنىمەن سېنى كۈنۇ - تۈن.
ئارمىنىم يوق كۈلگە ئايلانسام،
كۆيۈپ پەقەت، پەقەت سەن ئۈچۈن.
2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى (ئاۋات)
چۈنكى، سىز ئەڭ تۆھپىكار ئىنسان
ئېھ، قەدىرلىك مۇئەللىم - ئۇستاز،
بايرىمىڭىز مۇبارەك بۈگۈن.
سەھەردىلا تىزدىم گۈلدەستە،
سىز ئۈچۈنلا، پەقەت سىز ئۈچۈن.
سالام سىزگە، سالام مۇئەللىم،
ھۆرمىتىڭىز چەكسىز دىلىمدا.
خىسلىتىڭىز، ئەجىر، تۆھپىڭىز،
مەڭگۈ ئۆلمەس داستان تىلىمدا.
ئاقتى كۆپلەپ ماڭلاي تەرىڭىز،
دەرسخانا ۋە ئاددىي مۇنبەردە.
چەكلىك ئۆمۈر، ھاياتىڭىزنى
ئەۋلاتلارغا قىلىپ بەخشەندە.
مېۋە بەردى سىز تىككەن كۆچەت،
ئەجرىڭىزدىن كۆكلەپ باراقسان.
سىزگە مەنسۇپ ئالقىش، شان - شەرەپ،
چۈنكى، سىز ئەڭ تۆھپىكار ئىنسان.
ئاۋات ناھىيە ئاۋات بازىرى ئازاد جەنۇبىي يولى 4 - كوچا 45 - نومۇر
نۇرمۇھەممەت توخنىياز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 10:05