ھەر قايسى بېكەت باشلىقلىرىغا تەۋسىيە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تورداشلار ۋە ھەر قايسى مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە ئىسلام تور بىكىتى قۇرغان ۋە باشقا ئۇنۋېرسال بېكەت، بىلوگ قۇرغان بېكەت باشلىقلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، تور بەت ياكى مۇنبەرلىرىڭلاردا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى بار ھەر قانداق سەھىپىلەرنى ئېلىۋېتىڭلار ياكى تاقىۋېتىڭلار، ھەمدە شۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان ھەر قانداق تېمىلارنى تەستىقلىماڭلار.
چۈنكى بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىنى سىلەر قىياس قىلالمايسىلەر. يېقىندا يوللانغان << ئۇيغۇرلارنى ئالداۋاتقان ساختا مۆجىزىلەر>> دە مۇنداق يېزىلغان ھەم پۈتۈن تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان.
مەزمۇنى:
بىر مەزگىل تور بەتلىرىمىزدە «مايمۇنغا ئۆزگىرىپ كەتكەن قىز مۆجىزە» سى تارقىلىپ كەتتى، ھەتتا كىشىلىرىمىز ئۇ رەسىمگە ئەرەپچە خەت ۋە ئاۋازلارنى كىرىشتۈرۈپ سىن ھۆججىتى ئىشلەپ، ئەرەپچە گەپنى ئاڭلىسىلا چۈشەنمىسىمۇ «قۇرئان سۈرىسى» دەپ چۈشىنىدىغان ساددا كىشىلىرىمىزنى شۇ دەرىجىدە ئالدىدىكى، ھەتتا سىنتەخسىلەرگە كۆچۈرۈپ سېتىپ ھارام پۇلنى راسا تاپتى.
ئەمەلىيەتتە ئۇ رەسىمدىكىسى ئاۋستىرالىيىلىك موم ھەيكەل ئۇستىسى (ئىسمىنى تاپالمىدىم) ياسىغان موم ھەيكەل ئىدى، بىراق بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ موم ھەيكەل ئىكەنلىكىنى ئۇقماي «مۆجىزە» دەپ يۈرۈۋەردى.
كىشىلىرىمىزنىڭ ساددىلىقىدىن، پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ مۆجىزىلەرمۇ تاپالمىغاندەك باشقا يەردىن چىقماي بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىقىۋەردى، «خوتەنگە شىر چۈشتى، قاغىلىقتا يەر ئۈنۈپ چىقتى»، باشقا بىر يەردە شىر بىلەن خوراز «ئاللاھ» دەپ تەكبىر ئېيتتى، بۇ سىنلار شۇنداق بازار تاپتىكى بەزى ئۈن-سىن سودىگەرلىرى بېسىپمۇ ئۈلگۈرتەلمىدى بولغاي.
«مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە»
بۇ سىننى دېمىسەممۇ كۆپىنچىڭلار بىلىسىلەر، بۇ سىن يېقىندا تور دۇنياسىدا بەك داۋراڭ سېلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئاتايىن چوڭ ئۆلىمالارنىڭ بۇ سىن توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.
مەن بۇ سىن داۋراڭ سېلىنغاندىلا كۆرۈپ ئىشەنمىگەن، چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان ئېيتىمىز، ھەم ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوڭ-سول دولىسىدا بىردىن ئىككى پەرىشتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىزيۇ، بەزى كىشىلىرىمىز مۇنداق بىر نەرسىنى ئويلاپمۇ قويۇشمىدى:
ھەر بىرىمىزنىڭ دولىسىدا ئىككىدىن پەرىشتە بار تۇرۇپ، يەنە كېلىپ ئۇ پەرىشتىلەرمۇ كۈندە بامدات ۋە دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ئالمىشىدىغان تۇرۇپ، ئەجەپ ئۇ پەرىشتىلەر بىز سۈرەتكە چۈشكەندە ۋە سىنئالغۇغا ئالغاندا چىقىپ قالماي، مەككىدە پەستىكى ھەج قىلىۋاتقانلارنى سىنغا ئالماي مۇنارنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا چىقىپ قاپتۇ؟ يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئاجىز ئىنسانلار ياسىغان سىنئالغۇلار سىنغا ئالالارمۇ؟ دېگەننى ئويلاشمايلا داۋراڭ پېتى كېتىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۆلمالىرى بۇ سىنغا ئىشەنمەسلىك توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئەگەر شۇ بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسا بۇ سىننىڭ قاچىلىك داۋراڭ قىلىنىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت.
يىلانغا ئايلانغان قىز فىلىمى
بۇ ھەقتە يېقىندىن بۇيان دىيارىمىزدا ھەرخىل شەكىلدىكى گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى ،بەزىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قىز شۇنداق يىلانغا ئۆزگىرىپ قاپتۇ دېسە بەزىلەر ھەرەمگە بارغان قىز كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىپ ،مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ دېيىلگەن، كىمنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇنى تارقىتىۋاتقىنى بىزگە قاراڭغۇ .
لېكىن پاكىتنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ قارا نىيىتىنى بىلەلەيسىز .
بۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساختا بولۇپ كېتىشى ناتايىن، چۈنكى بۇ تېمىنىڭ بۇ يېرىدە مۇنداق دېيىلىپتۇ.
مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، سىلەر باشتا ئۇيغۇرلارنى ئالداۋاتقان ساختا مۆجىزىلەر دەپ يوللايسىلەر ، يەنە ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى دەپ <<ئاللاھ دەپ توۋلىغان شىر، ئۇلۇغ ئاللاھ دەپ چىللىغان خوراز مۆجىزىلىرىنى >> بىتىڭلارغا قويۇپ قويسىلەر. بۇ نېمە ئىش؟ ئۆزۈڭلارغا زىت گەپ ئىكەنلىكىنى ئۇقمىدىڭلارمۇ؟
شۇڭا مەن بارلىق بىكەت باشلىقلىرىغا تەۋسىيە قىلمەن. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئائىت بارلىق تېمىلارنى ئۆچۈرۋېتىڭلار. چۈنكى بۇ مۆجىزىلەرنىڭ بەزىلىرى راست، بەزىلىرى يالغان بولۇپ تور بەتلەردە يالغان مۆجىزىلەر راست دەپ، راست مۆجىزىلەر يالغان دەپ تېما يوللىنىۋاتىدۇ. بۇ توردا ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرنى ھەممە ئادەم راست دەپ قاراپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۇپۇرلۇققا سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. بېكەت باشلىقلىرىمىزمۇ راست- يالغاننى پەرقلەندۈرەلمىگىلى تۇرۇپتۇ.
ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا راست- يالغاننى بىلىۋېلىڭلار، شۇڭا ئىشنىڭ ئوڭى بۇنداق تېمىلارنى يوللىماي ئىچىڭلاردا بىلىڭلار. مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن بۇنداق مۆجىزىلەرنى تالاش- تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى يوق. بەزىلەر مۇشۇ گەپ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق تۈرمىلەرگە چىكەتتى، بەزىلەر راستنى يالغانغا چىقىرىپ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدەك بېكەت باشلىقلىرىنىڭ پۇلغا تويماي بېكىتىمىزنىڭ كۈندىلىك ئادەمنىڭ كىرىش سانىنى يۇقىرىلىتىش ھەم شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش كويىدا بولغانلىقىمىز تۈپەيلى بىز مۇشۇنداق مۆجىزىلەرنى يوللاپ راست، يالغانغا ، يالغان راستقا ئايلىنىپ ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچۈپ بەزىلەر مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تورلاردا پۇل تاپتى، بۇنىڭغا بىز سەۋەپچى، شۇڭا ھەر قايسى بېكەت باشلىقلىرى مۇشۇنداق تېمىلارنى تەستىقلىمىساڭلار، ھەم بېكىتىڭلارغا يوللىمىساڭلار.