تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە داۋاملاشتۇرۇش ئويۇنى باشلاندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇنبەر ئۈچۈن قان تەر سىڭدۈرۈپ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان بارلىق مۇنبەر ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ،مەن ئامەتلىك يىگىتتىن ھەممەيلەنگە قىزىلگۈلدەك 90گرادۇس ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام. مانا بىز ئارزۇ قىلىۋاتقان بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ خۇشال ئۆتىدىغان ۋە ئاداۋەتلىرى يۇيۇلۇپ، ئەپلىشىپ قالىدىغان ۋە بارلىق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ روزى ھېيىتىمۇ ناھايىتى تېزلا ئاياغلاشتى. بۈگۈن مەن مۇنبەردە ئارىلاپ يۈرۈپ بىرەر يەردە ئاياغلاشتۇرۇش ئويۇنى بارلىقىنى كۆرمىدىم.شۇڭلاشقا كەڭ مۇنبەر ئەھلىنى بۈگۈنكى ئويۇنغا تەكلىپ قىلىپ مۇنبەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئاۋاتلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ ئويۇننى باشلىماقچىمەن. ئويۇننىڭ قائىدىسى بەكلا ئاددىي بولۇپ مەن بىر كۇپلىت شېئىر يوللايمەن،ئاخىرقى 4-كۇپلىت شېئىرنى باش قىلغان ئاساستا ئويۇن باشلىنىدۇ. مەسىلەن :
زىمىن قەغەز،دەريالار سىياھ، ئۇنى مېنىڭ كىتاپىم دەڭلا. گۆركىتىدىگەن بوران-چاپقۇننى، مېنىڭ ياڭراق خىتابىم دەڭلار.
كىيىنكى ئىنكاس يازغۇچى <<مىنىڭ ياڭراق خىتابىم دەڭلار>>دەپ باشلايدۇ.ئويۇنغا قاتناشقۇچى شېئىرنىڭ 4-مىسراسىنى باش قىلىپ يوللايدۇ.ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇنبەر ئەزالىرى بولۇپ 4-مىسرانى باش قىلسا ئويۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ..قېنى ئەمىسە ئويۇن باشلاندى.
كۆپ ئاقتۇردۇم جاھاننى تاپالمىدىم سەن نەدە، ئىشىكىنى ۋىسالنىڭ ئاچالمىدىم سەن نەدە. كۆۋەجىگەن دولقۇنلۇق دەريا ئىدىم سەن بىلەن، توغان چۈشتى ئالدىمغا ئاقالمىدىم سەن نەدە. |