- 出生县
- 阿瓦提县
- 生日
- 5 ئاي 8 كۈن
- تىللا
- 563
- تۆھپە
- 260
- نادىر
- 0
- يازما
- 235
- جۇغلانما
- 1318
- ھوقۇقى
- 70
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-26
- تىزىملاتقان
- 2012-4-30
- UID
- 14497
 
- تىللا
- 563
- تۆھپە
- 260
- UID
- 14497
|  |  |  |  | ئايغا تۇنجى چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋاپات بولدى 
تۇنجى ئايغا چىققان ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى نېل. ئامېستروڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر ھەپتە ئىلگىرى يۈرەككە كۆۋرۈك سالدۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامىستروڭنىڭ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىغىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن، ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما، ئامېستروڭ دەۋردىن ھالقىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئامېرىكا قەھرىمانى، دېگەن. ئامېستروڭ 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوھىئو ئىشتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇ 16 يېشىدا ئۇچۇش كېنىشكىسى ئالغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، داڭلىق پۇدۇ ئۇنۋېرسىتىتى ۋە جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالەم قاتناش قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان. ئامېستروڭ 1966-يىلى تۇنجى بولۇپ تاشقى ئالەم بوشلۇقىغا چىققان، 1969-يىلى 7-ئاينىڭ20-كۈنى10دىن58 مىنۇت ئۆتكەندە ئامىستروڭ تۇنجى بولۇپ ئاي شارىغا قەدەم باسقان، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئاي شارىدىكى تۇنجى ئىزىنى قالدۇرغان. ئۇ ئاي شارىدا < مېنىڭ كىچىك بىر قەدىمىم، ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر قەدىمى> دېگەن داڭلىق ئەبارىنى قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل قەلبىنى ئىزھار قىلىپ، دۇنيانىڭ قەھرىمانىغا ئايلانغان. شۇ چاغدا ئامىستروڭ ئاي شارىدا 2 يېرىم سائەت پىيادە مېڭىپ، تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش، ئاي شارى يەر يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش پائالىيەتلىرىنى ئىشلىگەن، ئاي شارىغا قونۇپ 21 سائەتتىن كېيىن ئاي شارىدىن ئايرىلىپ، 24-كۈنى يەر شارىغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئامېرىكا پرىزدىنتىنىڭ < ئەركىنلىك ئوردىنى> غا ئېرىشكەن. نام قازانغان ئامستروڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كەمتەرلىك بىلەن ئۆتكەن. 1971-يىلى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ سشىننات ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇش ئىلمىدە دەرس بەرگەن. گەرچە بۇ ئىنسانىيەت قەھرىمانىنىڭ ئالەمنىڭ سىرلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى توختىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانىيەت تارىخ بېتى بۇ قەھرىماننىڭ ئاياق ئىزىنى مەڭگۈ خاتىرىسىگە يازىدۇ.

|  |  |  |  |
|
|