كۆرۈش: 42959|ئىنكاس: 32

يېڭى دېھلى ئەڭ ياخشىسى بېيجىڭ بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرمىغىنى تۈزۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
114
تۆھپە
56
UID
22346
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:54:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى دېھلى ئەڭ ياخشىسى بېيجىڭ بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرمىغىنى تۈزۈك



سىكوتىيا.ۋاتىس


     ئىسپانىيە ياۋرۇ-ئاسىيا ئوبزورلىرى تورىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى ماقالىسى . ئەسلى تېمىسى: ئاسىيادىكى ھىندىستان-جۇڭگو ئامىلىدىكى جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ، بولۇپمۇ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت . بۇ خىل رېئاللىق مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى پەيدا قىلىدى .بەزىلەر جۇڭگونى تەھدىت دەپ قارىغان بولسا، يەنە بەزىلەر جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالاۋاتىدۇ . ئامېرىكا بولسا دۇنيادىكى بىردىن بىر پۈتكۈل يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان دۆلەت دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا ، تەبىئىيكى ، جۇڭگونى تەھدىت ھېس قىلىدۇ . ۋاھالەنكى ، بېيجىڭ ئەزەلدىن تىنچلىقنى تەكىتلەپ كەلدى ، ھەرگىزمۇ ۋاشىنگىتون دەپ كېلىۋاتقان مۇتتەھەملەردىن ئەمەس . شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئىشلىرى شۇنداق يۈرۈشىۋاتىدۇ .
    جۇڭگوغا شۇنىسى ئېنىقكى، غەرب دۆلەتلىرى يولغا قويۇۋاتقان «دېموكراتىيە»نىڭ ئۆلچىمىدە ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىۋاتىدۇ ، جۇڭگو ئامېرىكنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ . ئەگەر جۇڭگو ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىدىن ئازابلانغان بولسا ، مانا ئەمدىلىكتە بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا-ھىندىستاننىڭ قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ . بۇ خىل ئىشەنمەسلىك ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي كۈچنى زورايتىشقا تۈرتكە بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . بېيجىڭمۇ بەكلا قەتئىلىشىپ كەتتى ، غەرىبنىڭ ئۆلچىمىگە باش ئېگىشى پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس . ئامېرىكا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھىندىستاننىڭ مىللەتچىلىك مۇداپىئەسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ، يېڭى دېھلىنى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتىۋاتىدۇ . بىراق ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسانلىقچە بوي سۇنغۇنى بىلەن ، جۇڭگو بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغانغا ھەقىقەتەنمۇ ماجالى يوق ، ئامېرىكا بولسا كۈچىنىڭ بېرىچە ھىندىستاننى مۇشۇ ئىشقا رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ .
   ئامېرىكا بىلەن ھىدىستان مەيلى قانداق پىلان تۈزىسۇن ، جۇڭگونىڭ نىشانى ناھايىتى ئېنىق ، ئۇ بولسىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ ، تەسىر كۈچى دائىرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش . شۇ ئارقىلىق ھەمراھلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ غەرىبنىڭ داۋراڭ سېلىپ كۆپتۈرۈۋاتقان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىگىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت . غەرب دۆلەتلىرى نام-ئاتاقتا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ئاستىرتىن دوستلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ .
     جۇڭگونىڭ دوسىتلۇق چەمبىرىكى ئۆزلۈكسىز زورىيىۋاتىدۇ ، مانا بۇ سېلىنما بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى . جۇڭگو پاكىستاندا گۇادار پورتىنى ياساپ بولدى ، بېرمىغا ياردەملىشىپ بېرما پورتلىرىنىڭ ئىقتىدارىىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بەردى . بېرمىنىڭ بېنگال قولتۇقىنى بويلىغان ناھايىتى ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى بار ، جۇڭگو مانا مۇشۇ ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنى بويلاپ بازا ئورۇنلاشتۇرسا تامامەن بولىدۇ . ھىندىستان يەنە جۇڭگونى ئىراۋۇد دەرياسى كارىدورىغا كىرىۋالدى ، ھىندىستاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قورشاۋغا ئېلىۋالدى دەپ نارازى بولىۋاتىدۇ .
    جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادا ناھايىتى ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقداشلىرى بار ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھىندىستاننىڭ ئۆكتەملىك قىلىشتەك پوزىتسىيەسىدىن جاق تويۇپ كەتتى .شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىگىدىن يېڭى ھەمراھ ئىزدەپ قارشىلاشماقچى بولىۋاتىدۇ ، جۇڭگو ئەلۋەتتە بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى خالايدۇ .جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭغا يېقىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ ، يېڭى دېھلىنىڭ بۇ رايوندىكى نىشانلىرىىمۇ پەيدىن پەي تارىيىۋاتىدۇ . روشەنكى ، ئەگەر ھىندىستان غەرىبنىڭ نىيىتى بويىچە جۇڭگوغا جەڭ ئېلان قىلىشقا ئورۇنسا ، ئۇ چاغدا سەۋر-تاقەتنىڭمۇ چېكى بولىدۇ ، جۇڭگو يۇقىرقى دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ ھىندىستانغا تاقابىل تۇرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك دىپلوماتىيەسى ناھايىتى تېزلا چا-چېكىدىن ئاجىراپ كېتىدۇ .
ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
532
تۆھپە
288
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 13:08:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادا ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقداشلىرى پاكىستان، بېرما،يەنە قايسى دۇلەت بار.  ئىشەنچىلىك دوستى يۇق جۇڭگونىڭ.  نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ رولى نىسبەتەن چەكلىك، نىشانى ئۇنچە ئېنىق ئەمەس.جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ رايونلۇق چوڭ دۆلەت بولۇش ئېھتىماللىقى ھەمدە يەر شارىۋى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشى جەھەتتە، بەرگىلى بولىدىغان ئېنىقلىما ۋە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان دائىرىسى قانچىلىك.
غەربتە روسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىتتىپاق تۈزۈپ، جۇڭگونىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرىشىغا تولۇق ئاساسى بار. ھىندىستان-روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى چوڭ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە پاكىستانغا مەركەزلىشىشى مۇمكىن. جەنۇبتا ئەڭ كۈچلۈك قارشىلىق ۋېيتنام ۋە ھىندونېزىيە (ئېھتىمال ئاۋسترالىيەنىڭ قوللىشىدا) دىن كېلىدۇ. شەرقتە جۇڭگونىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا باشلامچى ئورۇندا تۇرۇش ۋە قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ئۇرۇنىشىغا ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ قوللىشى بىلەن تىغممۇ-تىغ تاقابىل تۇرىشى مۇمكىن.دەل جۇڭگو روسىيە مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش، پاكىستان ۋە بېرما بىلەن يېقىن ھەربىي ھەمكارلىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە، جۇڭگو يەنە ھىندىستان بىلەن بىۋاستە توقۇنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك، مۇنداق قىلىش  جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئەگەر ئاشكارا دۈشمەنلىشىش سىياسىتى يۈرگۈزسە يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، جۇڭگونىڭ تاكتىكا جەھەتتە روسىيە بىلەن مۇرەسسەلىشىشتەك ۋاقىتلىق تەدبىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ قالماي، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھىندىستاننىڭ نۆۋەتتىكى يەر شارىۋى «زومىگەرلىك» كە ھەم ئاسترىتتىن غەربكە قارشى تۇرۇش خاھىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، جۇڭگو-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كەڭ جۇغراپىيىۋى ئىستراتىگىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
يىراقتىن قارىغاندا، يەر شارى سىياسىيسىنىڭ تەغدىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىر دۆلەت ھۆكۈمران كۈچلەرنى ئىگەللىۋېلىش ھالىتى بارغانسېرى ماسلاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا تۇنجى ۋە بىردىنبىر ھەقىقىي يەر شارىۋى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالماي، ئېھتىمال ئەڭ ئاخىرقىسى بولىشى مۇمكىن. سىياسىيۇنلارنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان،ئەڭ مۇقىمسىز  رايۇن
توغرىسىدىكى قىياسى ناھايىتى تۇغرا چىقتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sertlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 13:21  



پوتپول ، روھ  ۋە  ئېتىقادنى  يېتىلدۈرىدىغان جەڭ مەيدانى .قايسى
مىللەتتە  پوتپول روھى ئاجىز  بولىدىكەن ئۇنىڭ مىللى ئېڭى ،ئېتىقادىمۇ  شۇنچە زەئىپ بولىدۇ دەيدىكەن.

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
366
تۆھپە
184
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:25:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسى ئىشلار مۇرەككەپ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2233
تۆھپە
1650
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:23:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئىشلارغا بىز باش قاتۇرمايلى


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:33:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسىي دېگەن ئەڭ رەزىل، ئىپلاس نەرسە، بەئەينى «پاھىشە»نىڭ ئۆزى، سەللا  ئېھتىيات قىلمىسا نۇرغۇن ئادەم بىلىپ-بىلمەي شالتىقىغا تېيىلىپ كېتىدۇ!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 20:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسىغا ئارلاشمايلى.   
سىياسىىغا ئارلاشقىنىڭ جان بىلان  ئويناشقىنىڭ
بۇنى دولەت باشلىقلىرى بىلىلىدۇ  بىز  خەۋەرنى كورېلى . ھە بۇرادەر


Rank: 6Rank: 6

تىللا
745
تۆھپە
430
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 15:35:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپسەتە ~


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 1

تىللا
31
تۆھپە
9
UID
19403
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 15:52:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشمايلى !ئارىلاشساقمۇ بىزنىڭ ھېچقانداق رولىمىز يوق!!!!!!!!!


Rank: 4

تىللا
392
تۆھپە
191
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 17:00:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق ھەربى ئىشلارغا بەك قىززىقىمەن . ياخشى خەۋەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەخمەت .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
180
تۆھپە
105
UID
159
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 05:18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھەي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-25 12:58, Processed in 0.083338 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991