نۇر چاچقان ياشلىق مىلاقىز 
ھەممىمىزگەمەلۇمكى، ياشلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ جۇشقۇن شۇنداقلا ئۆمۈرنىڭكېيىنكى قىسمى ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان ھەل قىلغۇچ مەزگىل. شۇڭا ئەلمىساقتىن تارتىپ پاراسەتلىكئاتا-بۇۋىلىرىمىز ياشلىققا «ئىنسان ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋىرى» دەپ تەبىر بېرىشكەن.ئولۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ «ياشلىقىڭدا قېرىلىق ئۈچۈن ئىشلە، كىشى قېرىغانداكۈچتىن قالىدۇ، كىشى ئۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمەيدۇ، كىچىك يەنى ئوغۇل ۋاقتىڭدىلا ئىش –ھەرىكىتىڭنى ياخشى قىل، قېرىلىق يەتكەندە بۇ ئوت ئۆچىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى بىزگەقالدۇرغان. تۇغرا، ياشلىق مەزگىلى ئادەمنىڭ زېھنى ۋە جىسمانى قۇۋۋىتى ئورغۇپتۇرىدىغان چاغ بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر بىر كەلسە كەلمەيدىغان ياشلىقىنىڭ جۇشقۇن،جانلىق ۋاقىتلىرىنىڭ قەدىرىگە يېتىپ قەيسەرلىك، جاسارەتلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپھەم تۇختىماي ئىزدىنىپ ئەقلىي جەھەتتە بەلگىلىك تاكاممۇللۇققا ئىگە بولۇش بىلەنبىرگە ئەنە شۇ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بەلگىلىك مۇۋاپپەقىيەتلەرنىقولغا كەلتۈرىدۇ. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىقئىنىستىتۇتىنىڭ لىكتۇرى ئادىل غاپپار كارىزى ئەنە شۇنداق تىنىپ تاپمايئىزدىنىدىغان، خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دېگۈدەك تەتقىقاتئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان كەمتەر، سەمىمىي، تىرىشچان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئادىلغاپپار كارىزى 2003-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ فاكولتىتىدائوقۇپ، مائارىپشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە باكلاۋىرلىق ئونۋانىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلىمەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىنمۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭفىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىق) كەسپىدەماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، 2006-يىلى 6-ئايدا قانۇن پەنلىرى بويىچەماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2006-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭفىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا مىللەتشۇناسلىق (مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىي بويىچەئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئادىل غاپپار كارىزى ئوتتۇرا مەكتەپتەئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا، ئەدەبىي يېزىقچىلىققا ئشتىياق باغلاپ، تۇرپانژورنىلى ۋە تۇرپان گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «قەدىم كارىز تەزكىرىسى»، «كارىزسۈيى لىرىكىسى» قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى.ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقاتقا قىزىقىپ، مەدەنىيەت،پىسخولوگىيە ۋە مائارىپشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى كۆپلەپئوقۇپ، نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى پۇختىلىدى. 2000-يىلى بۇ ئاساستا يازغان «ئۈزلۈكسىزتەرەققىي قىلىۋاتقان يار يېزىسى» ناملىق ماقالىسى مەكتەپ جەمئىيەت تەكشۈرۈشماقالىلەر مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشتى 2002-يىلى يازغان «ئىمتىھاندازىيادە جىددىيلىشىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىشىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 3-سانىدا ئېلان قىلىندىھەم مەكتەپ بويىچە «مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى» بولۇپ باھالىنىپ، مەكتەپبويىچە «مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» شەرىپىگە ئېرىشتى، ئىلىمگەھېرىسمەن ئادىل غاپپار كارىزى ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، بىر تەرەپتىنكەسىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ،خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسەرئىرادىلىكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە جاپا ئالدىدا تىز پۈكمەس روھى بىلەنئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئۇستازلىرىنىڭئىلھامى بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كەسپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر مىللىيپىسخىكىسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. ئۇنىڭ«تەجرىبە پىسخولوگىيىسى» دەرىسىنىڭ تاپشۇرۇقىغا يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيپىسخىكا ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش سۇئالى ۋە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى» توغىرىسىدىكىماقالە ۋە سۇئال قەغىزى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇنىڭتەپەككۇرى ۋە قابىليىتىگە قايىللىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى يۇقىرىلاپ ئوقۇشقائىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭمىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىنى ۋە بۇ كەسىپنىڭ ماگىستىرئاسپىرانت يىتەكچىسى دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندىنى تۇنۇشتۇردى. پرۇفېسسۇر دىلمۇراتئەپەندى ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئېيتقان بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىنكېيىن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئىرادىلىك، قابىليەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى مۇھتاجئىكەنلىكىنى، مىللەتشۇناسلىق(مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى) كەسپىدە ئوقۇشىنى قارشىئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور ئىلھام بەردى. ئادىلغاپپار كارىزى ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشقا كىرگەندىن كېين پىرۇفېسسۇر دىلمۇراتئەپەندىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، «ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى» توغرىسىدائىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ باردى. تۇرپان رايۇنىدىكى تەكشۈرۈش تەتقىقاتماقالىسى «شامان دىنىنىڭ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىقماقالە 2006-يىلى «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، بۇساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرمىللىي مائارىپشۇناسلىق ساھەسىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرمىللىي مائارىپ ئۇقۇمىغا تەبىر بەردى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسى «مىللىي مائارىپئۇقۇمى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئۇقۇمى» ناملىق ماقالە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرسىتېتىئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىل 2-سانىدا ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر يېزا ئەنئەنىۋىيمائارىپى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى تەتقىقاتى»ناملىق ماگىستىرئاسپىرانتلىق ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بۇ ساھەدە يېڭى بىر سەھىپىنى ئاچتى ۋەئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇرۇپ مەكتەپ بويىچە مۇنەۋەر ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى، 2006-يىلى«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2006-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلار مۇنەۋۋەرئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى» بولۇپ باھالاندى. تىنىمسىزئىزدىنىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئادىل غاپپار كارىزى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنتېخىمۇ تىرىشىپ دىن ئىنسانشۇناسلىقى، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئېكولوگىيەئىنشانشۇناسلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئىزچىل تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرشامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئۇنىڭ دىن ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى تەتقىقاتىداكەۋدىلىك ئۇرۇندا تۇرىدۇ. 2010-يىلى ئۇ يازغان «ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەتقالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق خەنزۇچە ئەسىرى مىللەتلەر نەشىرىياتىتەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ جەمئىيەتتە زۇر غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇھازىر بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قايتا رەتلەپ تۇلۇقلاپ، نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭمۇشۇ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئاساسىدا يازغان، «ئۇيغۇرلارنىڭ جىن-ئالباستى ئىشەنچىلىرىتەتقىقاتى» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىسى «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدائېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 6-سانى «شامانىزممەدەنىيەت قالدۇقى-تىل كېسىش مۇراسىمى» ۋە 2012-يىللىق 1-سانىدا «پىرە ئۇيۇنىدىكىشامانىزىم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى » قاتارلىق ماقالىلەرئېلان قىلىندى. مەن ئادىلغاپپار كارىزىنىڭ خىزمەتكە قاتناشقان قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە قولغاكەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىدىن خەۋەر تىپىپ ئۇنى زىيارەت قىلدىم. مۇخبىر؛ سىزئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا كۆپلىگەن ئۇتۇق ۋەشان – شەرەپلەرگە نائىل بوپسىز، تېخى يېقىندىلا چىققان «ئۇيغۇر شامانىزىممەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق خەنزۇچە كىتابىڭىز جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ئالقىشىغاسازاۋەر بوپتۇ، .ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇ نەتىجىلىرىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز، ۋەئايالىڭىزنىڭ ئەجىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، موشۇ ھەقتە قىسقىچە تۇختىلىپئۆتكەن بولسىڭىز؟ ئادىل غاپپاركارىزى؛ تۇغرا دەيسىز، مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىمنى ئەلۋەتتە غەمگۈزار، جاپاكەشئاتا-ئانام، ئايالىم ۋە ئۇستازىم پىرۇفېسسۇر دىلمۇرات ئەپەندىنىڭ مىھنەت ۋەئەجىرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، بۇ كىتابىمنى يېزىپبولۇشقا ئۈچ يىل ۋاقىت كەتتى، ئۈچ يىل ۋاقتىمنىڭ كۆپۈنچىسى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشبىلەن سىرتتا ئۆتتى. بۇ جەرياندا ئۇلار ماڭا يىقىندىن ياردەم بېرىپ، پۈتۈن كۈچىبىلەن قوللاپ، ئىلھام-مەدەت بېرىپ مېنىڭ موشۇ كىتابىمنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا ئاساسسالدى. مەن موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا ئالەمچە بەخىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرتىلەيمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ ۋەتەنگە، خەلققە ۋە مېنىتوغۇپ چوڭ قىلغان كۈيۈمچان ئاتا-ئانامغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇش توغرىسىدا كۆپئويلىناتتىم. دېمىسىمۇ، ئانا زېمىندا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئىنسانۋەتىنىگە،خەلقىگە قەرزدار، ئۇلار ئالدىدا چۇقۇم ئۆزىمىزنىڭ قەرز ۋەمەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش بۇرچىمىز بار. ئۇندىن قالسا ياشلىقتىكى ۋاقىتلار بىرئادەمگە نىسبەتەن تۇلىمۇ مۇھىم ھەم ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن، دېمەكچىمەنكى،ئىنسان ياشلىق مەزگىلىدە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشسىلا، جاپا-مۇشەققەتلەرگە باشئەگمەي داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلىسىلا كۆزلىگەن ئارمانلارغا ئېرىشىدىكەن.بۇندىن كېيىنمۇ مەن موشۇ يولدا داۋاملىق ئىزدىنىپ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرنىقولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. مۇخبىر؛سىزقانداق قىلىپ ئۇيغۇر شامانىزىم مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ قالدىڭىز،موشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ مېنىڭ بۇتېمىنى تەتقىق قىلىشىمغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىم،پىرافىسسور، دوكتۇر دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندى تۈرتكە بولغان. مەن ماگىستىرئاسپىرانلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىمدا، ئۇستازىم دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندىشىنجاڭدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيىتى ئۈستىدە مەخسۇستەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانىكەن. ئوقۇش جەريانىدا، مەنمۇ بۇ تېمىنى ئىشلەشكەقاتناشتىم ۋە قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇستازىمنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئۈرۈمچىنىڭتىببىي ئونېۋېرسىتېت يولىدىن تاكى دوڭكۆۋرۈككىچە بولغان ئارلىقتىكى پال سالىدىغانئۇيغۇر، قازاق باخشىلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم.تەتىلدە يۇرتقا قايتقاندا، مەھەللە ئارىلاپ مەھەلىلەردىكى باخشى-پېرىخونلارئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. شۇ چاغلاردا يەنى 2003-يىلدىن 2005 يىلغىچە، مەنتۇرپان رايۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم قالدۇقلىرى ئۈستىدە ئەملىي تەكشۈرۈش ئېلىپبېرىپ، خېلى مول بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تېمىغا قىزىقىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى. مەندەسلىپىدە يىغىلغان ماتېرىياللارنى رەتلەش، پىشىقلاپ ئىشلەش ئاساسىدا، 2006-يىلىئەركىن ئىممىننىياز قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن تۇرپانشۇناسلىقتەتقىقاتىدا «شامانىزمنىڭ تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگەكۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق زور ھەجىملىك بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلدىم.ئارلىقتا يەنى 2006- ئۇستازىم دىلمۇراتئۆمەر ئەپەندى مەركىزى مىللەتلەر ئونېۋېرستېتىنىڭ 985 تەتقىقات تۈرى ــ ئازسانلىقمىللەتلەرنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش، تۈرىنىڭشىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈشتەتقىقات تېمىسىنىڭ تارماق تۈرىگە مەسئول بولدى. دىلمۇرات ئۆمەر ئەپەندىئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنىتەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ تارماق تېمىسىنى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى.شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى كۈزدە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونېۋېرسىتېتىنىڭ پىرۇفېسسورىدىلمۇرات ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى ۋە ئىقتىساددىي ياردىمى ئاستىدا 2006-يىلى 9-ئايدىن2007-يىلى 5-ئايغىچە غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، كۇچار، ئاقسۇ، ئاۋات، باي،كەلپىن، مارلبېشى، مەركىت، يەكەن، قەشقەر، يۇپۇرغا، قاغىلىق، خوتەن، قارىقاش،گۇما، نىيە، چىرىيە قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانچەت-ياقا، يىراق يېزا-سەھرالار ۋە بىر قىسىم شەھەر-بازالاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭشامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئانتىرپولوگىيىلىك تەكشۇرۇش ئېلىپباردىم ۋە زور ھەجىملىك بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ چىقتىم. رايۇنلاردائەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى مول ھەم مۇھىم بولغان بىرىنچى قولماتېرىياللارنى توپلىدىم. 2007-يىلى كۈزدە مۇشۇ تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى رەتلەشۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «ئۇيغۇرلانىڭ شامانىزم مەدەنىيەت قالدۇقلىرى ئۈستىدەتەكشۈرۈش تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنى تاماملىدىم. 2010-يىلى 11-ئايدا، بۇ ئەسەرمىللەتلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن خەنزۇچە نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىنكېيىن، مۇشۇ ساھەدىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.2011-يىلى مەزكىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «نوپوزلۇقلار مۇنبىرى» پىراگىرامىسىداموشۇ ئەسەر ۋە شامانىزم توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم ھەم مەخسۇس مۇشۇتېما ۋە كىتاپ توغرىسىدا بىر ئايدىن ئۇشۇق لېكسىيە سۆزلىدىم مۇخبىر؛ شامانىزمتوغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىي نەزىرىيەلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىتوغرىسىدا قىسقىچە تۇختىلىپ ئۆتسىڭىز؟ ئادىلغاپپار كارىزى؛ شامانىزم توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەتقىقات ۋە ئاساسىينەزىرىيىلەر روسىيە ۋە غەرىبلىكلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن كەلگەن. ئۇيغۇر شامانىزممەدەنىيەت تەتقىقاتى كەسپىي نەزىرىيەۋي ئاساس ۋە نەزىرىيەۋى سېستىما قۇرۇلىشىغامۇھتاج. چۈنكى، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى-ئۇيغۇر شامانىزممەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىش، ئۆزگىرىش، تەرەققىي قىلىش، ئەۋلاتتىن-ئەۋلادقاداۋاملىشىش ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش ھەم ئۇنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دۇنيا قاراشى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى،ئېتىقاد-ئادەتلىرىنى بىلشتە تۇلىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر شامانىزممەدەنىيەت قالدۇقلىرى توغرىسىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلاش-رەتلەشخىزمىتى 1891-يىلى شەرقشۇناس نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوفدىن باشلانغان بولسىمۇ،ئەمما بىزدىكى بۇ تەتقىقات تا-بۈگۈنگىچە ماتېرىيال توپلاش ۋە رەتلەش باسقۇچىدىنھالقىپ ئۆتەلمىدى. ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئېلان قىنلغانۋە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە ماتېرىيال يىغىش ۋەتوپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە تۈرگە ئايرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىپ كەلدى.بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەت تەتقىقاتى توپلانغان ماتېرىياللارنىتېخىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر شامانىزم مەدەنىيەتقالدۇقلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىنى تارىخقا ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن ھالدا يىشىپچۈشەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر شامانىزىمىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزىرىۋىيسېستىمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش نۆۋەتتىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىمنۇقتىلارنىڭ بىرى. بۇ قابىل، تىرىشچان ياش يوقىرىقىدەك تەتقىقاتلاربىلەن شوغۇللىنىپلا قالماي، يەنە مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى ساھەسىدىكى بەلگىلىكتەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى»، «ئۇيغۇرلارنىڭمائارىپ تارىخى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت مائارىپى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپلەرمائارىپى» ھەققىدە بىر قىسىم ماقالە ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقاتلارنى ئۆزى باشبولۇپ ئىشلىدى. 2010-يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە مائارىپى ۋە بالىلارنىڭئىجتىمائىلىشىش تەتقىقاتى» ناملىق تېمىسى دۆلەت پەلىسەپە-ئىجتمائىي پەنلەر فوندىغائېرىشىتى. ئۇ مۇشۇ ئاساستا يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدەتەتقىقات»، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدىكى بالا بېقىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەتقىقات»، «شەھەرئائىلىلىرىدە بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىدە ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە ئېلانلىرىنىڭرولى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلەر «مىللىي مائارىپ تەتقىقاتى»، «مائارىپپەنلىرى تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» قاتارلىق ئىلمىيژورناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ ھازىر مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرستىتىنىڭ «985تەتقىقات تۈرى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى» ئىچىدىكى«ئۇيغۇر مائارىپ ئىدىيە تارىخى تەتقىقاتى» تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «ئۇيغۇر مائارىپئىدىيە تارىخى» ناملىق بۈيۈك ئەسەرنى يازماقتا. بۇنىڭدىنباشقا ئۇ يەنە ئىكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدىكى ئېكولوگىيىلىكمۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئاڭ-ئىدىيە ۋە ئەقىدە-كۆزقاراشلارنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي تۇنۇشلارنىئوتتۇرىغا قويدى. بۇندىن باشقا ئۇ يازغان «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكىئېكولوگىيىلىك قاراشلار» ناملىق ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئىلمىژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئېلان قىلىندى. «تۈركى تىللار دىۋانىدىكى ئېكولوگىيىلىكمۇھىتىنى قوغداش ئېڭى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىئىلمى ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق ئىككىنچى سانىدا ئېلان قىلىندى. بۇندىن باشقا يەنە،ئۇ يازغان «ئۇيغۇر خەلق ئەپسانىلىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك قاراشلار» ناملىق ماقالەمىراس ژورنىلىنىڭ 2009 –يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىندى. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇركارىز مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسىدىكى تەتقىقاتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭدىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ يازغان « تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كارىز مەدەنىيىتى تەتقىقاتى–ئېكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ناملىق ماقالىسى 2011-يىلى يۈننەن ئونېۋېرستېتىنىڭ«ئېكولوگىيە ئىنشانشۇناسلىقى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە يەنە 2012-يىلىشىخەنزە ئونۋېرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك ئىكولوگىيە ئىنسانشۇناسلىقىئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇلۇپ، كەڭ يىغىن قاتناشقۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭكۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغاپ، يىغىندىن كېيىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئادىل غاپپاركارىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس تۇرپانغا بېرىپ كارىز زىيارىتى ۋە تەكشۈرۈشىگەقاتناشتى. زىيارەتئاخىرىدا ئادىل غاپپار كارىزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئوتۇق ۋە ئامەتلەرتىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىقتىم، كاللامنى بولسا تەگسىز خىياللارچىرمىۋالغانىدى. دېمىسىمۇ، ھازىر ئالىيمەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەت تاپالمىغان، خىزمەت تىپىپ بەر دەپ جاپاكەشغەمگۈزارلىرىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىۋىلىپ ئۇلارنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇققۇز تەزىمگەدۇچار قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز.ئەجەپلىنىدىغىنىم، ئۇلار ئەنە شۇ يوللار ئارقىلىق تىرىشىپ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇسابولمامدىغاندۇ؟ ئۇ ياشلارنىڭ كاللىسىدا ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش ئىستىكىزادى يوقمىدۇ؟ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ياشىشى كېرەكمۇ؟ بۇ سۇئاللارنى ئويلىغىنىمدايۈرۈگۈمنى خۇددى بىرسى كېلىپ مۇجىغاندەك ئىزتىراپ، تىڭىرقاش ۋە ئەپسۇسلىنىشئىلكىدە تۇرۇپ قالىمەن. شۇڭا ئاخىرىدامۆھتىرەم ياشلىرىمىزغا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ياشلىقتىكى 10 يىل ۋاقىت بىر ئادەمئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان، ئۆمۈرلۈك تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مەزگىل. شۇڭا بۇھالقىلىق پەيتلەردە ھەرگىزمۇ ئىزىپ قالماسلىق، تۇغرا يولدا مېڭىشنى ۋە تۇغراتاللاشنى داۋاملىق ئەستە تۇتۇپ، ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايمەردانىلارچە قەدەملىرىمىز بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنىئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ۋاقىت-ئالتۇندىن قىممەت، بولۇپمۇ ياشلىقتىكى ۋاقىتھەممىدىن قىممەت ۋە بىباھادۇر. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
|