2012-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى 19-ئاۋغۇست مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ــ روزى ھېيت. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە،2011 - يىل 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى 11- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 28 - قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللىغان 174 - نومۇرلۇق ھۆكۈمەت بۇيرۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 19-ئاۋغۇست يەكشەنبە نورمال دەم ئېلىش بولغاچقا، ھېيتلىق دەم ئېلىش 20-ئاۋغۇست دۈشەنبىگە تەڭشىلىدۇ. 18 - ئاۋغۇست (شەنبە ) دىن 20 -ئاۋغۇست ( دۈشەنبە ) گىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
|