ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىكىم مۇھەممەت خەۋىرى. گۇما ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان فونكىسيىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يېقىندىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ۋە كەنتلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق ناھىيە بويىچە 390 مېيىپ ئائىلىسىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر تۇرالغۇ ئۆي سېلىپ بەردى. 2850 مېيىپنى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن، 450 ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مېيىپنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزدى. ناھىيە بويىچە مېيىپلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى % 100، شەھەر – بازارلاردىكى مېيىپلارنىڭ شەھەر – بازار داۋالىنىش سوغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى % 95 تىن يۇقۇرى بولدى . ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنىش ، ياردەم قىلىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، جوڭگۇ نوپوس پاراۋانلىق فوندى جەمىئيتىڭ خەيىر ساخاۋەت فوندى ياردىمى ۋە ئۆزىى مەبلەغ غەملەش ئارقىلق 177 مېيىپقا مېيىپلار چاقلىق ئورۇندۇقى ئېلىپ بەردى. ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەن سەككىز مېيىپقا ئاڭلاش ئەسۋابى سەپلەپ بەردى ،ئالتە مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. سۈرەتتە: مېيىپلارغا مىيىپلار چاقلىق ئورۇندىقى تارقىتىپ بەرمەكتە خەۋەر قىلغۇچى: گۇما ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتىن ئابلىكىم مۇھەممەت 13899463702  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 328583842 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 01:17
|