ئامبال بىلەن قېرى دەللە
(ئىلمى چۆچەك)
بۇرۇن بۇرۇندىكەن،تېرىق تۇلۇمدىكەن،يىتىم بۇلۇڭدىكەن، سېغىزخان جەدىكەن-قۇيرىقى يەردىكەن...مانا مۇشۇنداق بىر جاھاندا مۈشۈك تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپ چاشقاننى باقىدىغان،ئىناۋەتنى مەنتەڭ قىلىپ يۈز ئابروينى ساتىدىغان، ئەتراپىدىكىلەرنى توختىماي باشلىقىغا چاقىدىغان، باشلىقىمۇ چېقىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ياخشى-ياماننى ئايرىماي يۇۋاشلارنى ئىگىزدىن پەسكە ئاتىدىغان،يامانلارنى كۆرسە <<تارتىنماڭ!>>دەپ قويۇپ خوتۇنىنىڭ قېشىدا باقىدىغان بىر شەھەر بولغان ئىكەن.بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ھىيلە-مىكىرگە تولغان قىزىل كۆز باشلىقىنىڭ پەتىۋالىرىنى ئاڭلاۋېرىپ <<يات!>>دېسە ياتىدىغان كۈچۈككە،<<ماڭ!>>دېسە ماڭىدىغان ئېشەككە،ئۆشنىسىگە قانچىلىك يۈك ئارتىلسىمۇ،جۇۋازدىن ئېلىپ قوشقا قاتسىمۇ <<خوش غوجام!>>دەپ تۇرىدىغان لاتا- قاسقاسلارغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
بىر كۈنى چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغانغان شەھەر ئامبىلى يامان چۈش كۆرۈپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن پۇقرالارنى يىغىپ چۈشىگە تەبىر بېرىشنى ئويلىشىپ شەھەر ئوتتۇرسىدىكى چوڭ سەيناغا يىغىلىش توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.يالاقچى-ئايغاقچىلار ھايال-ئۆتمەي بۇ خەۋەرنى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە تولۇقى بىلەن يەتكۈزۈپتۇ.سەينا ئوتتۇرسىغا جايلاشقان پەشتاختا ئامبال ياغاق يۈزلىرىدىكى يوقىلاڭ ساقاللىرىنى تىترىتىپ سۆز باشلاپتۇ.
-جامائەت...مەن كېچىدىن بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە شەھىرىمىزدىكى ئاددىي بىر مەدىكار مېنىڭ چوڭ خانىشىمغا چاقچاق قىلىۋاتقۇدەك،مەن ئۇنى تاتقۇشلىسام ماڭا خەنجەر كۆتەرگۈدەك...بۇ مۇتىھەمنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ بولغىچە چۈشۈم بۇزۇلدى...بۇ شۇملۇقنىڭ بىشارىتىمۇ ئەمەسمۇ؟...ئالدىمىزدا شانۇ-شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشاھىمىز شەھىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بىشارەت بەرگەن تۇرسا...ئامبالنىڭ خوتۇنىغا چاقچاق قىلىشقا پېتىنغان قەلەندەر قاپ يۈرەكلىك قىلىپ شاھىمىزنىڭ يېقىندا نىكاھىغا ئالغان خانىش ئايىمىغا چاڭ سالمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟...قېنى چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ، مۇشۇ مۇناپىق بەدبەخنى تۇتۇپ ئالدىمغا ئەكەلگۈچىلەر بولسا كاتتا تارتۇقلايمەن....-ئامبالنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ئوڭ-سولدىكى يانتاياقچىلار <<بەرھەق>>دەپ بىر ئېغىزدىن تەستىقلاشتى...مەيدان ئىچىدە ئېغىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.چوڭراق تىنىدىغانلارمۇ ئۆپكىسىگە بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك شەپىسىز تىنىشقا مەجبۇر بولاتتى...ھېچكىمدىن بىرەر ئىغىز تەبىر ئاڭلىيالمىغان ئامبال كۆتكىگە يانتاق قىستۇرغان ئىشەكتەك چىچاڭشىپ ئۆزىنى باسالماي سۆزلەپ كەتتى...-ھۇ نان قىپى گادايلار...بەرگەن نىممىتىمدىن ھوزۇرلىنىپ تېتىپ بېقىشىسەن، شۇمتەكلىرىڭنى مەن بەرگەن ئاش-ناندا بېقىشىسەن،ئەجەپ باشقا كۈن چۈشۈپ بىر ئېغىز سوئال سورىسام، زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالغاندەك باشلىرىڭنى بۇلۇڭ-بۇلۇڭغا تىقىشىسەن...-ئامبال ئاچچىقىدا سۆزلەۋاتقان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي داۋاملىق ئالدىغا ئۆتۈپ ياخشىچاقلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ھىڭگال چىش،دوقا باش،دوڭقاق جىگدىدەك مۈكچەيگەن قېرى دەللە يەنە ئامبالنىڭ قۇلىقىغا بىر نېمىلەرنى دەپ قايناۋاتقان قازاننى پەسكۇيغا چۈشۈردى. مەيداندىكىلەر نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىلالمايلا تارقاشتى.
بۇ كېچە ئامبال بىلەن بۇ دەللە ئۇزاقتىن-ئۇزاق كېڭەشتى،كېڭەشكەندىمۇ ئىشلاردىن چاتاق چىقماسلىقى توغرۇلۇق باشلىرىنى بىر يەرگە تىقىشتى....ئەتىسى تاڭ يورىشى بىلەن بىر نەچچە نەۋكەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، قېرى دەللە ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. كىرمىگەن ئۆي،تەرەتخانا،ئىشەك ئېغىلىمۇ قالمىدى..لېكىن ئۇلارغا بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان بىرەر كىشى تېپىلمىدى.ھەممىسى بۇ غوجاملارنى كۆرۈپ<<خوش-خوش>>دەپلا قول باغلاپ تۇراتتى...قېرى دەللىنىڭ ئىچى سىقىلاتتى، تۇرۇپ-تۇرۇپ ماڭقىسىنى تارتىشقىمۇ ئۈلگۈرەتتى. مانا بىر نەچچە كۈن شۇ تەرىقىسىدە ئۆتۈپ كەتتى...ئامبالنىڭ ئىچى سىقىلغانسىرى كۆزلىرىگە قان تولدى.ئاخىرى سەۋر قاچىسى تولغان ئامبال يەنە يىغىن ئاچماقچى بولۇپ يەنە كەلدى-كەتتىلەرنى ئەتراپىغا يىغدى...بۈگۈن ئامبال ئىشنىڭ خۇلاسىسىنى چىقارماقچى ئىدى...ئىشنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىرەر قۇربانلىق قوي لازىم ئىدى...لېكىن پۇتاق چىقارماي بىرنىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولمايتتى...سورۇن تېخىمۇ جىمىپ كەتتى...ئامبال ئۇزاقتىن-ئۇزاق ۋەز تەبلىغ قىلغاندىن كېيىن ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ ھەققى ھۆرمىتىگە ئىچىدە نەچچە قېتىم دۇئاغا قول كۆتۈردى...چۈنكى مۇشۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئامبالنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيتتى...
-مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سەن چۈپرەندىلەرگە قىلمىغان ئىلتىپاتلىرىم قالمىدى. كۆرگەن چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى...خان ئالىيلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى،ئامانلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئادەمنى ئىزلەپ تاپماق بەسى مۈشكۈل ئوخشايدۇ...شۇڭا ئۇلۇغ خانىدانىمىزنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزمەك ۋاجىپتۇر...-ئامبال ئۇزاقتىن-ئۇزاق سۆزلىگەندىن كىيىن گېلىنى قىرىپ قويۇپ ئاخىرقى پەرماننى يەتكۈزدى.-قېرى ئاقساقال ھازىردىن باشلاپ ئىشەك ئېغىلىنى تازىلاشقا،قوشۇمچە بەگزادىلەرنىڭ تەرەت لاتىسىنى يۇيۇشقا مەسئۇل...قالدىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق.كىمدە-كىم پەرمانغا قۇلاق سالماي بويۇنتاۋلىق قىلىدىكەن مەنسىپى بىر دەرىجە چۈشۈرۈلۈپ يىراق تاغلىق،جاڭگاللارغا پالىنىدۇ...يىغىن تامام...- ئۇ شۇنداق دېيىشى بىلەن بېشىغا كۆكۈچ كۇلا كەيكەن بىر شەيىخ ئامبالنىڭ تۇرىشىغا ياردەملەشكەچ ئىشتىننىڭ توپىسىنى قېقىشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى...
قاي زامانلار ئۆتتى بىزگە نامەلۇم...ئېيتىشلارغا قارىغاندا قېرى دەللە ئىشەك ئېغىلىدا يېتىپ -قوپۇپ ئامبالنىڭ ئىلتىپاتىنى كۈتۈپ كالپۇك تامىشتىپ ئالەمدىن ئۆتكەنمىش...يالغان-ياۋىداققا ئامراق بۇ ئامبالمۇ قىرقىدىغاننى قىرقىپ قانات قۇيرىقىنى بۇغۇچلاپ يۈرگەن كۈنلەردە ئاللاھ تەرىپىدىن ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆز ئورنىغا چىچىپ ياتىغان بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ...ئەتراپىدا بىر قانچە چىۋىن ھېلىمۇ گەندىسىنىڭ پۇرىقىنى ئېغىزىغا پۇرىتىپ يۈرەرمىش...
رىۋايەت قىلغۇچىلار<<كىشىگە قىلساڭ يامانلىق،ئۆزۈڭ تاپمايسەن ئامانلىق>> دېگەن تەمسىلنى ناخشا قىلىپ ئوقۇپ يۈرگۈدەك...
مەنبە:ئۆزۈم