كۆرۈش: 9639|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
285
تۆھپە
101
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 14:17:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش



    كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرى(1368-1644)دە ئۆتكەن. غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 نەچچە يىل ئىلگىرى-يۈەن سۇلالىسى دەۋردە (1206-1368) ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغان ئىدى.يازما تارىخى مەلۇماتلاردا ئەلئۇقمىشنىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلغانلىقى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى قۇبلاينىڭ(مىلادى 1265-يىلى)ئوردا نۆكىرى بولغانلىغى قەيت قىلىنغان.
    ئەلئۇقمىش مىلادى1272-يىلى قۇبلايخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن كېمە ئەتىرتىگە باشچىلىق قىلىپ، جەنۇبى دېڭىزغا تۇنجى قىتىم سەپەر قىلغان. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جەنۇبى دېڭىزدىكى بىر مۇنچە دۆلەت ۋە رايۇنلارغا بارغان. ئاخىرىدا فىلىپپىن ئارلىدىكى بارۇپ دۆلىتى ئارقىلىق چۇەنجۇ پورتىغا قايتىپ كەلگەن.
    مىلادى 1275-يىلى ئۇ كېمە ئەتىرتىنى باشلاپ بارۇپ دۆلىتىگە يەنە بىر قېتىم بارغان. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندا، ئۇلار‹‹ دۆلەت ئۇستازى››نى شۇ يەرنىڭ داڭلىق دورا-دەرمەكلىرىنى ئېلىپ جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ كېلىشكە قوشۇپ قويغان. مىلادى1284-يىلى، ئۇ كېمە ئەتىرتىنى باشلاپ زانگاس دۆلىتى(بۈگۈنكى سىرلانكا) گە سەپەر قىلغان. بۇ قېتىم ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، مالاي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۇپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق زانگاس دۆلىتىگە يېتىپ كەلگەن.بۇ قېتىمقى بىرىپ -كېلىش سەپىرىدە ئۇ جەمئي 14مىڭ چاقىرىم يول يۈرگەن.
    ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە قۇبلايخاننىڭ يارلىغى بويىچە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مابار(بۈگۈنكى ھىدىستاننىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمى) دۆلىتىگە سەپەر قىلغان.سەپەر داۋامىدا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلارغا ئۇچىراپ كۆپ زىيارەت چەككەن بولسىمۇ،ئاخىرى بىر يىل سەرىپ قىلىپ مابار دۆلىتىگە يېتىپ بىرىپ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ، قىممەتلىك دورا ماتېرياللىرى ۋە ياغاچ ماتېرياللىرىنى ئېلىپ غەلبىلىك قايتىپ كەلگەن.
    ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش يۇقىرقى تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىغى ئۈچۈن، قۇبلايخان ئۇنىڭغا مەرۋايىت كۆزلۈك كەمەر ئىنئام قىلغان ھەمدە دىيانەتلىك بەگ، جىياڭخۇەي دىۋان ۋازارىتىنىڭ سول قول ۋەزىرى،خىڭچۈەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى قاتارلىق مەرتىۋىلەرنى بەرگەن.
    1287-يىلى ئەلئۇقمىش يۈەن سۇلالىسىنىڭ  ھەربى كېمە ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ماسلىششى بىلەن جەنچىڭ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) نى ئىشغال قىلغان. 1292-يۈەن سۇلالىسىنىڭ 1000ھەربى كېمىدىن تەركىپ تاپقان 200مىڭ كىشلىك دېڭىز ئەسكەرلىرى ياۋا ئارىلى(بۈگۈنكى ھىندونېزىيە)غا يۈرۈش قىلغاندا، ئەلئۇقمىشنى قوشۇننى يېتەكلەش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلغان. گەرچە بۇ قېتىمقى  يۈرۈش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەلئۇقمىش چېكىنگەن قوشۇننى ئامان-ئېسەن ۋەتىنىمىز قۇرۇقلىقىغا قايتۇرۇپ كەلگەن. ئەلئۇقمىش ئۆمرىدە يەنە سورۇنچى، ئامبال، دىۋان مۇئەككىلى، ئاقىل-ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەلچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ رېن زۇڭ خانى ئۇنىڭ يىراق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ كۆپ  رىيازەت چەككەنلىگىنى نەزەرگە ئېلىپ ۋۇگوگۇڭ دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. ئۇ تەخمىنەن مىلادى 1314-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئەلئۇقمىش ئۆز ئۆمرىدە گەرچە يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تېنچ ئوكيان،ھىندى ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭگو بىلەن دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەللەرنىڭ سودا ۋە باردى- كەلدى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جېڭ خېنىڭ تېخىمۇ يىراق دېڭىز سەپىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ بەرگەن. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخىس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى››دىن ئىلىندى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
285
تۆھپە
101
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:51:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس تەھرىرلەندى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugdai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 18:52  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
554
تۆھپە
259
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:08:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خەنزۇلار جېڭخېنى بىلىدۇ، ئەمما بۇ كىشىنى تىلغا ئېلىپ قويمايدۇ، مانا بۈگۈن بىلدۇق، تېمىڭىزغا رەخمەت.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
924
تۆھپە
421
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:29:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tesewwur يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 19:08
خەنزۇلار جېڭخېنى بىلىدۇ، ئەمما بۇ كىشىنى تىلغا ئېلى ...

بۇلار «سۇ ئىچكەندە، قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما' دىگەن ماقالە تەمسىلنى بىلمەيدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tvrkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 19:29  



http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1480
تۆھپە
1142
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 07:45:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزمىز دىڭىزدىن خىلىلا يىراق بولساقمۇ لىكىن بىر دىڭىزچىمىز باركەن ئەمەسمۇ ياخشى بۇنىمۇ بىلۋالدۇق .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1331
تۆھپە
696
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 09:28:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ  بىز بىلىشكە تېگىشلىك تارىخ ئىكەن


Rank: 2

تىللا
117
تۆھپە
21
UID
4810
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 23:21:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا نىمە ئۈچۈن ئەڭ پەخىرلىك ئىش ئىزلىرىمىز،پەخىرلىك كىشىلىرىمىزدىن بىخۋەر قالىدىغاندىمىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
997
تۆھپە
639
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 10:29:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋارلەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-25 07:57, Processed in 0.077212 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991