كۆرۈش: 10727|ئىنكاس: 25

مۇنبەردىكى شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ مۇشائىرە ئېيتىشىش پائالىيىتى ئۆ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:49:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەردىكى شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ مۇشائىرە ئېيتىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ سادىق تورداشلىرى ياخشىمۇسىلەر، سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقڭلار نەتىجىسىدە مۇنبىرىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە مول مەزمۇنى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ ھەم جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ھەممىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن ئۆزۈمنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن.
    ھەممىمىزگە مەلۇم، مۇنبىرىمىزدە بىر تۈركۈم شائىرلىرىمىز بار، بۇ شائىرلىرىمىز خالىس ھالدا ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەقلىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن نادىر ئەسەرلىرىنى تورداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ كەلمەكتە، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەنمۇ، مۇنبەردىكى بارلىق شائىر ۋە شائىرەلەرگە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
    مەقسەتكە كەلسەك، بىز ئىلگىرى نۇرغۇن ئىلمىي بەس-مۇنازىرىلەرنى تەشكىللەپ، مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەنىدۇق. بۇ قېتىممۇ مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىش، تورداشلارنىڭ شېئىرغا بولغان چۈشىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇنبىرىمىزنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە مۇنبەردىكى شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ مۇشائىرە ئېيتىشىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزمەكچى.
    پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا، مۇنبىرىمىزدىكى شائىر ۋە شائىرەلەر مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئۆزلىرىنىڭ سىناپ بېقىشى توغرۇلۇق ئىنكاس يوللايدۇ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار كوللىكتىپىمىز چەك تاشلاش ئارقىلىق مۇنبەردىكى شائىر ۋە شائىرەلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ( ئارىلاش گۇرۇپپا، قىزلار ياكى ئوغۇللار گۇرۇپپىسى ئەمەس) ، گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچىلار كوللېكتىپىمىز جەمئىيەتتە غۇلغۇلا بولۇۋاتقان، بەس-مۇنازىرە قىلىش ئەھمىيىتى بولغان تېمىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى بىر تەرەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپ ئىنكار قىلىپ دېگەندەك، مۇنازىرىنى شېئىرىي شەكىلدە داۋام قىلىدۇ، قايسى تەرەپنىڭ نۇقتىئىنەزىرى كۈچلۈك، دەلىل ئىسپاتى ئورۇنلۇق ھەم كىشىگە بىر خىل ئىستېتىك ھوزۇر بېرەلىسە، شۇ گۇرۇپپا ئۇتۇپ چىققان بولىدۇ، مۇنبەردىكى تېمىلارنىڭ ۋاقىتچانلىقى بەك كۈچلۈك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھەر بىر شائىر ياكى شائىرە قاچان ۋاقتى بولسا شۇ ۋاقىتتا شۇ تېما توغرۇلۇق ئىنكاس شەكلىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ھازىر ھەممىڭلار مۇسابىقە مەزمۇنىنى بىرەر قۇر چۈشەندىڭلار، قالغان تەپسىلاتىنى مۇسابىقە رەسمىي باشلانغاندا ئېلان قىلىمەن. ئېنىقكى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققانلارغا مۇكاپاتمۇ بار.
    قېنى ئەمىسە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق شائىر ۋە شائىرەلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق تورداشلىرىمىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
    مېنىڭ مۇنبەردىكى بارلىق شائىر ۋە شائىرەلەرگە دەيدىغىنىم، ئۆزۈڭلارنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىر بولدى، قېنى ئەمىسە قاراپ تۇرماي دەرھال تىزىملىتىڭلار ، قاتنىشىشنى خالايدىغانلار مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئۆزۈڭلارنىڭ قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىنكاس يېزىپ قالدۇرساڭلار بولىدۇ. قېنى نېمىگە قاراپ تۇرىسىز، دەرھال تىزىملىتىڭ!!!
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
535
تۆھپە
309
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:22:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم .قۇتلۇق ئىشنى باشلاپسىز تەڭرىتاغ ئەپەندىم .

مۇشۇ تىزىملىرىشنىڭ شەكلى بولسا ،مەن بىرىنجى بۇلۇپ تىزىملىتىپتىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 23:24  

Rank: 1

تىللا
22
تۆھپە
6
UID
22301
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:31:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم.
ئەمما، يۇقىرىدىكى تەلەپلەردە قىسمەن سەۋەنلىك سادىر بولغاندەك تۇرىدۇ. يەنى، مۇشائىرىدە «نۇقتىئىنەزىرى كۈچلۈك، دەلىل ئىسپاتى ئورۇنلۇق» دېگەندەك گەپ بولمايدۇ. بۇ ماقالىگە قويۇلىدىغان تەلەپ... مۇشائىرە يۇمۇرۇستىك خۇسۇسىيىتى قانچە كۈچلۈك بولسا، كىشلەرنى ئۆزىگە شۇنچە جەلپ قىلالايدىغان، مايىللىقنى قوزغىيالايدىغان تۈر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:33:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
omermexmud يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 23:31
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇ ...

ئۆمەر مەخمۇد ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
660
تۆھپە
147
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:02:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بار جۇمۇ!  باشلىق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2592
تۆھپە
1347
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بار جوما `! مىنى ئونتۇپ قالماڭلار~!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
828
تۆھپە
239
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 06:45:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قاتنىشاي، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا بۇمداق مۇنازىرە پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشاتتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvmvx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 06:45  

راستتىلا زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن دەرس ئۆتۈدىغان بولدۇق!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
693
تۆھپە
226
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 09:55:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ شائىر ئەمەس بىراق قىزىقىپ قالدىم قاتنىشىپ باقسام قانداق بۇلار؟!

Rank: 4

تىللا
302
تۆھپە
162
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 10:03:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى سوزلەپ ئۇتۈلگەن پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرىلىپتۇ.بۇنىڭدىن تولىمۇ سۈيۈندىم .مەنمۇ قاتنىشىپ تىل قابىليىتىمنى  جارىقىلدۇرىشنى ئويلايمەن.ئەراس مىنىڭ سورايدىغىنىم سىلە گۇرۇپپىغا بولگەندە ئاقلىغۇچى ،قارلىغۇچى دەپ ئارىلدۇ دەپ تەكىتلەپسىز.بىزنىڭ ئاقلىغۇچى ياكى قارلىغۇچى بۇلىشىمىزنى سىلەر ئورۇنلاشتۇرامسىلەر ياكى ئوزىمىز تاللايمىزمۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 10:07:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wwe-okyan يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 10:03
يۇقۇرقى سوزلەپ ئۇتۈلگەن پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك  ...

ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە بىز ئورۇنلاشتۇرىمىز، مۇنازىرە بولغانكەن چوقۇم بىر تەرەپ مۇئەييەنلەشتۈرسە يەنە بىر تەرەپ ئىنكار قىلسا ئاندىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ ئەمەسمۇ
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:08, Processed in 0.080793 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991