دۇنيادا ئانىلار ھەممىدىن ئۇلۇغ››
مەن بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپ تېلېۋىزورنى ئاچسام، تېلېۋىزورنىڭ ‹«پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى» قانىلىدا مۇنداق بىر تەسىرلىك لېكسىيەنى بېرىۋېتىپتۇ، مەن بۇ لېكسىيەنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى ھەم شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئۆزۈم ئانامنىڭ بارىدا چوڭ ئىشلارغۇ قۇلۇمدىن كەلمىسۇن، ھېچ بولمىسا مۇشۇنچىلىك كىچىك بىر ئىشنى قىلىپ بېرەلمىگىنىمنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بەكمۇ ئۆكۈندۈم. لېكسىيە مەزمۇنى: بىر ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ پۈتتۈرگەن بىر ئوغۇل بالا خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈپ بىر شىركەتكە كىرىپ شىركەت دىرېكتورى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى بايان قىپتىكەن، دىرېكتور بۇنى ئاڭلاپ بولۇپ ئۇ بالىدىن شۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ: «ھەي يىگىت، سەن تۇغۇلۇپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئاناڭنىڭ پۇتىنى بىرەر قىتىم يۇيۇپ قويدۇڭمۇ؟» ئۇ بالا چۈشىنەلمەي تەمتىرەپ: «ياق» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دىرېكتور ئۇ بالىغا شۇنداق دەپتۇ: «سەن كەچتە بېرىپ ئاناڭنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قوي، ئاندىن ئەتە ئەتىگەن سائەت 8 دە كېلىپ مېنى ئىزدىگىن». يىگىت: «ھە ماقۇل» دەپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ كەچتە ئانىسىغا پۇتىنى يۇيۇپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. ئانىسى: «بولدى بالام» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. يىگىت: «ئۇنداق قىلماڭ ئانا، پۇتىڭىزنى يۇيۇپ قوياي» دەپ سۇنى تەڭشەپ ئەكىلىپ، ئانىسىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقا باشلاپتۇ. يىگىت ئانىسىنىڭ پۇتىنى يۇيۇۋېتىپ، ئانىسىنىڭ پۇتىدىكى نۇرغۇن قاداق ۋە كۈپۈپ كەتكەن تومۇرلانى كۆرۈپ يىغلاپ كېتىپتۇ. ئانا بالىسىغا تەسەللى بېرىپ ئاران توختىتىپتۇ، بالا ئانىسىغا: «ئەي ئانا، مەن شۇ شىركەتكە خىزمەت ئىزدەپ بارمىسام، شىركەت دىرېكتورى ماڭا بۇ ئەقىلنى كۆرسەتمىسە، مەن سىزنىڭ بىزنى باقىمەن دەپ بۇنچىلىك جاپا تارتىدىغىنىڭىزنى ھېس قىلالماسكەنمەن» دەپ ئانىسىنىڭ پۇتىدىكى قاداق ۋە كۆپۈپ كەتكەن تومۇرلارنى سىلاپ تۇرۇپ يەنە يىغلاپ كېتىپتۇ. ئانا بالىسىغا شۇنى دەپتۇ: «بالام، ئۇنداق قىلما، مېنى خېجىل قىلىپ قويۇۋاتىسەن، مەن سىلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتىمنىلا ئادا قىلدىم، لېكىن مېنىڭ سېنىڭدىن كۈتىدىغىنىم، بۇندىن كېيىن ئاتا - ئاناڭغا كۆيۈنىدىغان، دۆلەتكە ۋە مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىلسەڭلا مەن شۇنىڭدىن رازى» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىت ئەتىسى سائەت 8 دە شىركەتكە بېرىپ دىرېكتور بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، دىرېكتور سوراپتۇ: «قانداق قىلدىڭ، يۇيۇپ قويالىدىڭمۇ؟» «شۇنداق، سىز دېمىگەن بولسىڭىز مەن ئانامنىڭ بىزنى باقىمەن دەپ شۇنچىلىك جاپا تارتقىنىنى ھېس قىلمىغان ۋە بىلمەسكەنمەن، رەھمەت سىزگە دىرېكتور» دەپ جاۋاب بىرىپتۇ. دىرېكتور دەپتۇ: «ھە، سەن ئەمدى بۇ شىركەتتە ئىشلىسەڭ بولىدۇ. سەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن» دەپ شىركەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ لېكسىيەدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئانىلار بالىلارنى دەپ مىڭ بىر جاپا چەكسىمۇ، يەنىلا ئاغرىنماستىن بالىلار ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدىكەن، بالىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن قىلچە ھېساپلاشمايدىكەن. مەن بۇ لېكسىيەنى كۆرۈپ بولۇپ بەك تەسىرلىنىپ كېتىپ، تورداشلارنى، بولۇپمۇ بالىلارنى ۋاقىپلاندۇراي دەپ يوللىدىم.
2012 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 10:45
|