شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستوتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان كۇرسانىتلارنى تەربىيلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستوتى 2011-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتىنىڭ (2011) 297-نومۇرلۇق تەستىقى بىلەن دۆلەت دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيلەش سالاھىتىگە ئىرىشتى. بۇ مەركەز ئىنىستوتىمىز پىسخولوگىيە كافېدىراسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا تايىنىپ، 9- ئايدا 《شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستوتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيلەش مەركىزى》 نى قۇرۇپ چىقتى. مەركىزىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا تەخنىكوم مەكتەپلىرىدىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى سىياسى خىزمەت سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈش، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە پىسخىكىلىق مەسلىھەتنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تايانىچلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن،ئىنىستوتىمىز 2012-يىل 7-ئايدا، خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان كۇرسانىتلارنى تەربىيلەش كۇرسىسىدىن خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللار سېستىمىسى بۇيىچە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە سىنىپلىرىنى ئېچىشنى قارار قىلدى. بىرىنچى تەربىيلەش نىشانى كۇرسانتلار تەربىيلەش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق،دۆلەت تەرپىدىن ئېلىنىدىغان بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك 3-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەچى كەسپى سالاھىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئىككىنچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستوتى پىسخولوگىيە كافېدىراسى 1986-يىلى قۇرۇلغان 《شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ئوقۇتۇش بۈلىمى پىسخولوگىيە كافېدىراسى》 ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ 《211》 قۇرۇلۇش مەكتىپىنىڭ كافېدىرالىرىدىن بىرى. بۇ كافېدىرادا ئۇزۇن يىللىق پىسخولوگىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات، شۇنداقلا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچلار قۇشۇنى بار بولۇپ، ئوقۇتقۇچى كۈچى سەرخىل. ئۈچۈنچى تەربىيلەش ئوبىكتى پىلان بويىچە خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللار سېستىمىسى بۇيىچە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە شەھەرلەردە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 30دىن ئاشقان بولسا، شۇ جايدا ئىشتىن سىرتقى ياكى خىزمەتتىن ئايرىلىپ 2 ئاي ئوقۇيدىغان سىنىپ تەسىس قىلىپ، بىر تۇتاش تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۆتىنچى ئۈتىلىدىغان دەرسلەر ۋە ماتىرىيال دەرىسلىك تۈرى: نەزىرىيە بىلىملىرى، كەسپىي ئىقتىدار، پاراكتىكا ۋە مانىۋېر سۇئاللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. نەزىرىيە بىلىملىرى: ئاساسى پىسخولوگىيە، ئىجتىمائى پىسخولوگىيە، تەرەققىيات پىسخولوگىيىسى، مەسلىھەت پىسخولوگىيىسى، پىسخىكىلىق سىناق ئىلمى، غەيرىلىك ۋە ساغلاملىق پىسخىكىسى، كەسپىي ئەخلاق قاتارلىق نەزىرىيىۋى دەرسلەرنى، كوللېكتىپ مەسلىھەت بىرىش شۇنداقلا ئەمەلىي مەشغۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ماھارەت تەخنىكىسى دەرسلىرى: پىسخىكىلىق دىئاگنوز قۇيۇش تەخنىكىسى، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش تەخنىكىسى، پىسخىكىلىق سىناق تەخنىكىسى قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي تەكرار، مانىۋېر سۇئاللىرىنى ئىشلەش ۋە ئىمتىھاندىن بۇرۇن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرپىدىن بەلگىلەنگەن 《پىسخىك مەسلىھەتچى ئاساسى بىلىملىرى》،《پىسخىك مەسلىھەتچى 3-دەرىجىلىك》،《تەكرارلاش سۇئاللار توپلىمى》 قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىتىنى بىكىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك ئىشلىتىلىدۇ. بەشىنچى تەربىيلەش ۋاقتى تەربىيلەش ۋاقتى: 2012-يىلى7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2012-يىلى8-ئاينىڭ15- كۈنىگىچە. ھەر يىلى 5-ئاي ۋە 11-ئايدا دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىسىغا قاتناشتۇرىلىدۇ. ئالتىنچى ئۈتىلىدىغان دەرس سائىتى: 320سائەت. يەتتىنچى تەربىيلەش ھەققى ۋە گۇۋاھنامە تەربىيلەش ھەققى: 2000 يۇەن∕ئادەم ؛ ماتىرىيال ھەققى: 237يۇەن؛ باھالاش ئىمتىھان ھەققى: ئۈچۈنچى دەرىجىلىك 339يۇەن. تىزىملىتىش ھەققى: 100يۇەن. تاماق، ياتاق بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، خىراجەتنى شەخىس ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. كۇرسانىتلار ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستوتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيلەش مەركىزى تەرپىدىن ئوقۇشنى تاماملىغانلىق گۇۋاغنامىسى بىرىلىدۇ. دۆلەتلىك پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى باھالاپ بىكىتىش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار دۆلەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىقى تەرپىدىن 《دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى كەسپى سالاھىيەت گوۋاھنامىسى》 تارقىتىپ بىرىلىدۇ. سەككىزىنچى تىزىملىتىشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار 1. تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىككى نۇسخە جەدىۋەل (A4 فورماتلىق) تولدۇرىلىدۇ؛ كىملىكنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى، ئوقۇش تارىخى گوۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى، كەسپىي ئۇنۋان گوۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتمە نۇسخىسى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭ باش، ئارقا كۈرۈنىشى ئاق رەڭلىك بولغان ئىككى سۇڭلۇق رەسىمدىن 4تال بىرگە تاپشۇرۇلىدۇ. 2. تىزىملىتىش ۋاقتى: ھازىردىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، يىل بۇيى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ. 3 . تىزىملىتىش ئورنى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركىسىزىم ئىنىستوتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيلەش مەركىزى(11- ئوقۇتۇش بىناسى1-قەۋەتتە) 4.ئالاقىلەشكۈچى: ئاسىيەھېكىم مۇئەللىم 13369912191 ئىشخانا نومۇرى: 8583228∕ 8582175 – 0991
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيلەش مەركىزى
|