كۆرۈش: 45135|ئىنكاس: 54

تەڭرىتاغ مۇنبىرى ‹‹ تۈرمە ›› سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:28:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭرىتاغ مۇنبىرى ‹‹ تۈرمە ›› سى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى



   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، مۇنبىرىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە تورداشلار ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندى. مۇنبەرنىڭ ئۆز-ئارا بىلىم، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىش، مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاس يېزىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شۇنداقلا تەڭرىتاغ مۇنبىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن 2012-يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، تەڭرىتاغ مۇنبىرى مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاسلىرىغا نىسبەتەن تاللاش ۋە شاللاشنى كۈچەيتىدۇ.
   تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى ئەزالارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر بىر تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشىلىنىپ بارماقتا. لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم تورداشلىرىمىز دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، زورلاپ ئىنكاس يازىدىغان، باشقىلار يازغان ئىنكاسنى ئوخشاش قىلىپ كۆچۈرۈپ قويىدىغان، شۇنداقلا باشقا ئەزالار جاپا چېكىپ يازغان تېمىغا خىلمۇ خىل چىراي ئىپادىلىرى ياكى چاۋاك بىلەن ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە. شۇڭا تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق تەڭرىتاغ مۇنبىرى << تۈرمە >> سىنى ئېچىۋېتىشنى لايىق تاپتۇق.
    مۇنبەردە قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغان ئەزالار مۇنبەر << تۈرمە >> سىگە قامىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئەزانىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىنكاس يېزىش ھوقۇقى چەكلىنىدۇ. ئەگەردە بۇ تۈزۈمگە نىسبەتەن باشقىچە پىكرى بار ئەزالارنىڭ مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ، پىكىر- تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
391
تۆھپە
309
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 18:57:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەزەلدىللا قۇنچاق ئەۋەتمەيمەن،  شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلىش كىرەك. مۇشۇ مۇنبەردە بىر نەچچىسى بار ئىككەن، يىشى چوڭ ئىككەن دىمەي سۇلۇپ قۇيساڭلار .  

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2171
تۆھپە
562
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 19:33:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئەزاسىنى مۇنبەر «تۈرمە»سىگە قاماشنى خېلى ئېغىر جازا دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، قانداق «قىلمىش» سادىر قىلغانلار قامىلىدۇ، «قانۇن» تېخىمۇ ئېنىق بولۇپ كەتسە.

يۇقۇرىدا «مۇنبەردە قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغان ئەزالار مۇنبەر << تۈرمە >> سىگە قامىلىدۇ.» دېيىلىپتۇ، قانداق ئىنكاسلار قالايمىقان ئىنكاس دەپ قارىلىدۇ، قانداق ئەھۋالدا «باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغان» بولىدۇ، تەپسىلىيرەك قائىدە چىقىرىشقا بولامدۇ يوق، ئويلىشىپ باققان بولساڭلار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
535
تۆھپە
289
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 19:46:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يازغاندا ساقلىنۋاتقان مەسىللەر:
1.كۆزقاراشىنى ئىنىق يازماسلىق.
2.چىراي ئىپادىلىرىنىلا يوللاپ قۇيۇش.
3.رەخمەت سۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىش
4.چۈشەنگىلى بولمايدىغان تاققا-تۇقا بىرنەسىلەرنى يىزىش.
5.تېمىنى تۇلۇق كۆرمەيلا ئىنكاس يىزىش،
پوتپول ، روھ  ۋە  ئېتىقادنى  يېتىلدۈرىدىغان جەڭ مەيدانى .قايسى
مىللەتتە  پوتپول روھى ئاجىز  بولىدىكەن ئۇنىڭ مىللى ئېڭى ،ئېتىقادىمۇ  شۇنچە زەئىپ بولىدۇ دەيدىكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6195
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 19:48:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 19:33
مۇنبەر ئەزاسىنى مۇنبەر «تۈرمە»سىگە قاماشنى خېلى ئېغىر ...

تەپسىلىي قائىدىنى تۈزۈپ، 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن ئېلان قىلىمىز.
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3349
تۆھپە
944
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 21:06:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي مىنى قورقۇنۇش ، تىترەك بېسىپ كىتىۋاتىدا؟

بۇ چارىنى قوللانغىنىڭلار ياخشى بوپتۇ.مۇكاپات بۇلىدىكەن جازامۇ بۇلىشى كېرەك.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
602
تۆھپە
159
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 21:39:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 19:33
مۇنبەر ئەزاسىنى مۇنبەر «تۈرمە»سىگە قاماشنى خېلى ئېغىر ...


دېگەنلىرىڭىز  دەل  تۇغرا ،  بۇيرۇق   بىلەن   ئەمەس   قانۇن   تۇزۇم   بىلەن   باشقۇرۇلسا ،  كىم   نىمىش   قىلغان   بۇلسا   ئۇزىنىڭ  قانچىلىك جازالىنىدىغانلىغىنى ئۇزى ئېنىق بىلسە ،قانۇننىڭ  تۇزۇمنىڭ   ھەر بىر تارماقلىرى ئېنىق ئۇچۇق ئاشكارا بۇلسا  بۇلاتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zikrela تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 21:41  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
662
تۆھپە
149
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 22:06:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش بوپتۇ. بەلگىلىك تۈزۈم بولغىنى ئەۋزەل.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 22:12:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى بولۇپ مەن قامىلىمەنغۇ، دەيمەن
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
336
تۆھپە
130
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 22:59:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ.قوللايمان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 06:55, Processed in 0.080014 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991