كۆرۈش: 6494|ئىنكاس: 4

ئۈرۈمچى سىمفونىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قورۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1586
تۆھپە
800
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 13:25:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچى سىمفونىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قورۇلدى



    ئۈرۈمچى سىمفونىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى كىچىكلىكتىن تەرەققىي قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بەلگىلىك مۇقىم مەبلەغقە، مۇنتىزىم خىزمەتچىلەر قوشۇنى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت تارقىتىش ئەسلىھەلىرىگە ئىگە كارخانا بولۇپ قالدى.
    سىمفونىيە مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىملار قوشۇنى ئۇزۇن يىل ئېلانشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرقايسى جايلاردا ئېلان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كۆزگە كۆرۈنگەن، مول ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئىگە خادىملاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىش ۋە خەلققە يەتكۈزۈش، ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
    شىركەتنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى مەدەنىيەت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش، كارخانا-گۇرۇھلارنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات لىنيەلىرىنى پىلانلاش، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىنى ئىشلەش، سېنارىيە يېزىش، ھەرخىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنى تەشكىللەش، يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىش، مۇزىكا ئىشلەش، مەخسۇس فىلىم ئىشلەش، رەڭلىك قوڭغۇراق مۇلازىمىتى، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى پىلانلاش، ئورام قاپ لايىھەلەش، رەڭلىك، رەڭسىز باسمىچىلىق، كىتاب-ژۇرناللارنى لايىھەلەپ بېسىش، تور بەت ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    بۇ شىركەت ئۆزىگە خاس مىللىي مەزمۇن ۋە شەكىلگە ئىگە بولغان ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئېلان ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ كۈنسايىن ئۆسۈپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىلگىرىلەشنى نىشان قىلغان.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
316
تۆھپە
197
UID
14666
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 17:09:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەخمەت !!!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1018
تۆھپە
679
UID
893
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 17:16:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كىنوچلىقىغا مەبلەغ سالسا ناھايىتى كۇڭۇلدىكىدەك ئىش بولاتتى.
بۈگۈن ئۈگەنمىسىڭىز ئەتە ئۆتمۇش ئىچىدە ياشايسىز!

Rank: 4

تىللا
294
تۆھپە
78
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 03:41:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى  قارشى  ئالغان  بولسا   مەن  سېپىگە   قوشۇلايچۇ  ؟  چۇنكى  مەن   بەك  قىزىقىمەن  

Rank: 4

تىللا
260
تۆھپە
154
UID
17314
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 20:53:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ۋاقىتلىق خىزمەت ئىزدەۋاتقان ، بۇ شېركەت ئادەم ئالمامدىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-27 16:07, Processed in 0.073233 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991