كۆرۈش: 11934|ئىنكاس: 4

يى جيەنليەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدا تىزىمغا ئالدۇردى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6191
تۆھپە
2820
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 11:07:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يى جيەنليەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدا تىزىمغا ئالدۇردى


56.jpg


    دۆلەت ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان يى جيەنليەن يېقىندا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدا تىزىمغا ئالدۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، يى جيەنليەن ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى باشلانغىچە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ، جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى(CBA)گە قاتنىشىدىكەن.
    ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى(NBA) توپچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى بىلەن سەۋەبىدىن تېخىچە باشلانمىدى، يېقىدا توپچىلار بىرلەشمىسى بىلەن بولغان سۆھبەتتىمۇ مۇرەسسە ھاسىل بولماي يەنىلا ۋاقىتلىق توختاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھال گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ يى جيەنليەننى ۋاقىتلىق قايتۇرۇپ كېلىشىگە پۇرسەت ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كۆپ پۇل چىقىرىپ چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھىرلارنى سېتىۋىلىشىغا بولغان جاۋابى بولۇپ قالدى.
    شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرۈپ: بىز ھەرگىزمۇ  گۇاڭدۇڭنىڭ بۇ ئىشى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىستىراتىگىيىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز، ۋاسكېتبول ھەرىكىتى كوللىكتىپ تەنھەرىكەت تۈرى، بىر ئادەمنىڭ كېلىپ- كېتىشى بىر كوماندىغا بولغان تەسىرى كىشىلەر ئويلىغاندەك كۈچلۈك بولىشى ناتايىن،-دېدى.
    بەزى تەھلىچىلەر يى جيەنليەننىڭ قايتىپ كېلىشى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئارزۇيىنى كۆپۈككە چىقىرىدۇ دەپ تەھلىل  قىلماقتا، بىراق، يەنە بەزى تەھلىچىلەر يى جيەنليەننىڭ قايتىپ كېلىشى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ھەقىقەتەن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، شىنجاڭ كوماندىسىگىمۇ ئوخشاشلا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. بىراق ھازىر مۇسابىقە تېخى باشلانغىنى يوق، ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى كوللىكتىپ مۇسابىقە تاكتىكىسىنى تەلەپ قىلىدۇ، يى جيەنليەننىڭ تەسىرىنى بۇنداق مۇبالىغەلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ قارىماقتا.

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
يۈسۈپجان
تىللا
805
تۆھپە
366
UID
731
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 11:35:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كاماندىسىغىمۇ بېسىم ئازبولمىغىدكتە!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1403
تۆھپە
845
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 15:16:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇق يەنە شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسىغا نېسىپ بولمايدۇ ، ئۆتۈپ كەتكەن پەسىلدە چېمپىيونلۇق قولغا كېلىپ بولغان ئىدى ، ئىشقىلىپ ، نېمە سەۋەبتىندۇر يەنىلا ئىككىنچى بولۇپ قالدى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2592
تۆھپە
1347
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا ياخشى بولمايىتى ،،،، بۇنداق بولسا شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسىغا بېسىم ئازكۆپيىپ كىتىدۇ~!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلەت
تىللا
144
تۆھپە
80
UID
764
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 02:19:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېچقىسى يوق ئۇمۇ بىر كىشىلىك ئوينايدۇ ~~~ توپ يۇمۇلاق نەرسە ، بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ . يەنىلا شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىغا مەدەت بىرەيلى ، دوستلار~~~ .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 03:54, Processed in 0.077369 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991