كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى ئايال
بىر ئەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاپىسى ۋە ئايالى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئىككى ئايالدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەرمۇ بۇ ئىككى ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەردۇر، بىراق بۇ ئىككى ئايالنىڭ ئەرگە بولغان پوزىتسىيەسىدە ئىنتايىن ئېنىق پەرق بار. ئاددىي ۋە دائىم ئۇچرايدىغان ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ پەرقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يىل ياز كىرىشى بىلەنلا مەن ئۆزۈمنىڭ ۋە ئاپامنىڭ ئۆيىگە شامالدۇرغۇچ سېتىۋالدىم، شامالدۇرغۇچنى ئۆيۈمگە ئورنىتىدىغان ۋاقىتتا مەن بىر ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئۈستىگە چىقىپ شامالدۇرغۇچنى ئورناتماقچى بولدۇم، لېكىن يەنىلا بويۇم يەتمىدى، شۇنداقتىمۇ ئېسىلىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئورناتتىم، مېنىڭ تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرگەن ئايالىم ماڭا لۆڭگە سۇنغاچ «سىزنىڭ بويىڭىز بەكلا پاكار ئىكەن» دېدى. كېيىن ئوخشاش ئەھۋال ئاپامنىڭ ئۆيىدىمۇ يۈز بەردى، ئاپام مېنىڭ بويۇم يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ماڭا «بۇ ئورۇندۇق بەكلا پاكار ئىكەن» دېدى.
دېمەك، ئەر كىشىدىن ئاپىسى مەڭگۈ رازى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە غۇرۇر ئاتا قىلىدۇ. ئەكسىچە ئايالى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ رازى بولماي، ئۇنىڭغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئەر كىشى ھاياتلىق يولىدا ئالغا باسىمەن دەيدىكەن، چۇقۇم بۇ ئىككى ئايالدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.
ئاپتورى : نامەلۇم