تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 9197|ئىنكاس: 10

شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5647
تۆھپە
2494
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟


2365440_031850035_2.jpg


شەرقىي شىمال يولۋىسى


    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ، تارىم دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنلىرىدا، ئاز بولمىغان شىنجاڭ يولۋىسى بار ئىدى. بىراق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە شىنجاڭ يولۋىسى يەر شارى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
    دۇنياغا داڭلىق ئېكىسپېدىتسىيەچى سىۋىن ھېدىن ئىلگىرى شىنجاڭ تەۋەسىدە شىنجاڭ يولۋىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە خاتىرىلەپ قويغان.
    شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تۈكى ۋە بەدەن تۈزۈلۈشى بېنگال يولۋىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بەدەن قۇرۇلۇشى كىچىكرەك، ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئىكەن ھەمدە شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.
    شىنجاڭ يولۋىسى ئۆزى يالغۇز ياشاشقا ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كۈندۈزى قويۇق ئورمانلىق ئىچىدە ئارام ئالسا، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئوۋ ئوۋلايدىكەن. شىنجاڭ يولۋىسى دەرەخكە يامىشالمايدىغان بولۇپ، لېكىن سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ئىكەن. شۇڭا ئۇ تارىم دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى قىلىپ بېكىتكەن.
    شىنجاڭ يولۋىسى يىلدا بىر قېتىم تۇغىدىغان بولۇپ، ھەر بىر قېتىمدا 2 دىن 4 كىچە ئاسلانلايدىكەن. ئەركەك يولۋاس بىلەن چىشى يولۋاس بىرلىكتە ئۆز بالىلىرىنى چوڭ قىلىدىكەن. شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 20-30 يىل ئەتراپىدا بولىدىكەن.
    مۇشۇ ئەتراپلاردا ياشايدىغان لوپنۇرلۇقلار ئىلگىرى شىنجاڭ يولۋىسىنى ئوۋلاپ باققان بولۇپ، 1980 -يىلى 92 ياشقا كىرگەن تاھىر بوۋاي ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بىر چىشى يولۋاس بىلەن بىر كىچىك يولۋاسنى ئوۋلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.
    لوپنۇرلۇقلارنىڭ يولۋاس ئوۋلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇلار قاپقان ئارقىلىق يولۋاس تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يەنى يولۋاسنىڭ پۇتى قاپقانغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تېپىشىمۇ قىيىنغا چۈشىدىغان بولۇپ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق تاپالمىغان ( تۇتالمىغان ) يولۋاس ئاچلىقتىن ماغدۇرىدىن كېتىدىكەن، بۇ چاغدا ئوۋچىلار كېلىپ، ماغدۇرىدىن كەتكەن يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ يولۋاس ئوۋلىغان.
    كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى ناھايىتى تېز قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن كېيىن، شىنجاڭ يولۋىسىنى ئۇچرىتىشمۇ ناھايىتى تەسكە چۈشكەن.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا تەتقىقاتچى خادىملار بايىنبۇلاق يايلىقىدىن بىر دانە مۇكەممەل ساقلانغان يولۋاس تېرىسىنى بايقىغان. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، تەتقىقاتچى خادىملار شىنجاڭ يولۋىسى توغرىسىدا داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى جۇڭگو ۋە دۇنيا ھايۋانات بايلىقى ھەمدە پەن تەتقىقات تۈرى بويىچە غايەت زور يوقىتىش ھېسابلىنىدىكەن.
    شىنجاڭ يولۋىسىغا ئائىت يېقىنقى ئۇچۇرلار:
    1950-يىلى كىشىلەر ئالاردىكى قاقاسلىقتا شىنجاڭ يولۋىسىنى كۆرگەن.
    1960-يىلى، بىر ئارخولوگ ئالتۇنتاغدىكى بىر جىلغىدا بىر يولۋاسنىڭ بىر ياۋا چوشقىنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. بىراق بۇ يولۋاس ئەتراپىدا ئادەم بارلىقىنى سېزىپ، تېزلىكتە كۆزدىن غايىپ بولغان.
    ئەگەردە بۇ ھەقىقىي بولسا ئۇنداقتا بۇ ئارخولوگ دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شىنجاڭ يولۋىسىنى كۆرگەن ئادەم بولۇپ قالغۇسى ...

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3028
تۆھپە
867
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئەسلىگە كەتۇرگەن سىزما رەسىمىكەن.

http://tech.sina.com.cn/d/2006-03-22/2300874732.shtml


Rank: 8Rank: 8

تىللا
3028
تۆھپە
867
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 19:36  



Rank: 3Rank: 3

تىللا
165
تۆھپە
120
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يولۋىسى بولسا  ئالتۇنتاغ ئەتىراپىدا، تارىم ۋادىسىدا يوقمىكىن،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇرۇن  بار ئىكەن .


Rank: 2

ئىسىمى
ئۇدۇن
تىللا
111
تۆھپە
45
UID
6182
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يولۋىسى يوقمىكىن دەيمە


Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماۋۇ  يۇلۋاس تىرىسىدە   پەلتۇ  قىلىپ  كەيسە  بەكلا قالمىشىدۇ.



Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلىققى ئۇشكە ساقال  ئۇغرى  يۇلۋاسنى  ئۇلتۇرمىگەن  بولسا، يۇلۋاس ئەمەس باشقا ياۋا يى ھايۋانلار يۇقاپ كەتمەيتى.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
566
تۆھپە
308
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ   مېنڭچىمۇ  يوق  ھازىر...ھايۋاناتلار  باغچىسىدىكى بولسا  ئىمپورت  قىلىنغان  يولۋاسلار


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
1
UID
19122
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ يولۋىسى ئەمەس تارىم يولۋىسى دەپ تاراتقۇلاردا كۆرگەن ئىدىم . نەچچە يىللار ئىلگىرى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ ‹كىم تارىم يولۋىسىنى كۆرسە مانچىلىك مۇكاپات بىرىمىز› دىگەن زور سوممۇلۇق ئىلانىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:40, Processed in 0.082326 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991