تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2482|ئىنكاس: 4

نازلىقىڭنى يوقاتمىغىن ئەي قىزچاق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
543
تۆھپە
303
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نازلىقىڭنى يوقاتمىغىن ئەي قىزچاق

قەلەمىي

نازىڭ بىلەن قەدىرلىكسەن ئۆمۈرلۈك ،
نازلىقىڭنى يوقاتمىغىن ئەي قىزچاق .
نازىڭ بىلەن كۆرۈنىسەن سۆيۈملۈك ،
نازلىقىڭنى يوقاتمىغىن ئەي قىزچاق .

نازى يوقنىڭ ئەسلى يوقتۇر قارىغىنا :؟
قىممىتى ھەم قەدرى يوقتۇر قارىغىنا :؟
جىسمى باردۇر ئۆزى يوقتۇر قارىغىنا :؟...
نازلىقىڭنى يوقاتمىغىن ئەي قىزچاق .

نازى يوقنى تار كوچىلار چىللايدۇ .
ئەل-جامائەت چىن يۈرىكىدىن تىللايدۇ .
تاپىنىدا شەرمىي ھايا يىغلايدۇ ...
نازلىقىڭنى يوقاتمىغىن ئەي قىزچاق .



نېمىشقا مۇڭلىنىپ يۈرىسەن يىگىت



قەلەمىي




نېمىشقا مۇڭلىنىپ يۈرىسەن يىگىت ؟
ئەرزىمدۇ ئۆزىنى ئازابلاپ يۈرۈش.
قەدرىڭنى قىلمىغان قەدىرلىك ئەمەس،
ماس كەلمەس بىل ساڭا شەيتاننى سۆيۈش.

نېمىشقا مۇڭلىنىپ يۈرىسەن يىگىت ،
ۋاقتىڭنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكىنىڭ قېنى ؟
ئالدىسا گەر شەيتان قاپاقنى تۈرۈپ ،
قەددىڭنى تىك تۇتۇپ يۈرگىنىڭ قېنى ؟

نېمىشقا مۇڭلىنىپ يۈرىسەن يىگىت ؟
ئوغۇلمەن دەپ مەيدە ئۇرغىنىڭ قېنى ؟
شەيتاننىڭ بىمەھەل تەگكەن ئوقىدىن ،
ئۆلمەي تىك ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭ قېنى ؟


ئاچىل تېلۋېزىيسى
قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
69
تۆھپە
25
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر   ئىككىلا     شئېرىڭىز    شۇنداق   ياخشى  چىقىپتۇ  .  قەلىمىڭىزگە   بەركەت   تىلەيمەن .


Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلىقىڭنى يوق  قىزلار  خۇددى  بىر پارچە  مۇز،،، مەن ئالمايمەن  مۇنداق قىزلارنى


Rank: 4

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
268
تۆھپە
162
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 4

تىللا
209
تۆھپە
179
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:43, Processed in 0.072330 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991