ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىڭىزدىكى تاماق پۇلىنى ئەسلىيەلەمسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، ھەممىڭلارغا مەن تەڭرىتاغدىن ئوتلۇق سالام! مانا ھەش-پەش دېگۈچە مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىلىمۇ ئۈچ يىل بوپتۇ، مەن 2004-يىلى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، مەكتەپكە يېڭى بارغان ۋاقىتلىرىم زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغلاردا يەنى 2004 - يىلى مەكتەپتىكى ئاندا-ساندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدا كىچىك زېرەك يانفۇنى بار ئىدى، ھەممىسى رەڭسىز ئېكرانلىق. MP3 لەر مودا بولۇۋاتقان بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ cd ئاڭلايتتى. ئۇ چاغلاردا مۇھەممەتجان ئەبەينىڭ << مۇھەببەت >> ناملىق پىلاستىنكىسى قاتتىق مودا بولغان بولۇپ، مەيلى ياتاقتا بولسۇن، ئاشخانا ياكى سىنىپلاردا بولسۇن مۇھەممەتجاننىڭ ناخشىسى ئىگىلىگەنىدى. ئەمدى تاماقلىرىمىزنى دەپ باقاي: بىز 2004-يىلى 8-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ سانائەت ئىنىستېتۇتىدا تەييارلىق ئوقۇدۇق. بۇ مەكتەپتە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلاردىن بىر نەچچىسى بار بولۇپ، لەغمەن، مىفەن ئۈچ يېرىم يۈەن، گۆش باسقان پولو تۆت يۈەن، ( شەخسىي ئاشخانىلاردا بەش يۈەن) ، سۇيۇقئاش ئۈچ يۈەن، بىر يۇتازا بىلەن ئىسسىق سەي بىر يېرىم يۈەن ئىدى. ئۆيدىكىلەر 250 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە پۇل ئەۋەتىپ بەرسە كەڭتاشا خەجلەيتتۇق. شۇ كۈنلەرنى ھازىرمۇ ئەسلەيمەن. مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم، مۇنبەردە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان نۇرغۇن ئەزالىرىمىز بار، شۇلار بىلەن بىللە مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن ئەھمىيەتلىك كۈنلىرىنى تەڭ ئورتاقلىشىپ، ھەر قايسى يىللىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
|