باشلىق كېتىدۇ
(ساتىرا )
(ئايىنغان يەرلىك ئەمەلدار تىلىدىن )
باشلىق كەلسە پىكرىم بار دەپ، يولنى توسۇشما،
بىز كۆرسەتكەن يەردە تىزلان،ھەرگىز قوپۇشما،
ئىككى كاللا بىر بولمىسۇن قۇلاق قېقىشما،
ئەڭ ياخشىسى يۇۋاشراق بول،بىزنى چېقىشما،
ھېچ مەخسەتكە يېتەلمەيسەن باشلىق كېتىدۇ .
يەرلىك خاقان دەپ چېقىپسەن مېنى چوڭلارغا،
تەكشۈرۈشكە چۈشكەنلىكى بېلى توملارغا،
چامىڭ يەتمەس مەن چامدىغان ئارقا يوللارغا ،
شۇڭا غىت قىس ، سالما بىزنى ھەر خىل كويلارغا،
ئوسما ئۆچۈپ قاش قالغاندەك باشلىق كېتىدۇ.
كەلگەنلەرگە ئىنكاس قىپسەن مېنى كارامەت،
باي تۇققىنى ئالدى دەپسەن تۆۋەن كاپالەت،
قوغۇن بېقىپ يىمەيدىغان نەدە ئۇ ئادەت ؟
مېنى چېقىپ بولمىدىڭمۇ زەررە خىجالەت ،
سۆزلەپ نېمە قىلالايتتىڭ باشلىق كېتىدۇ .
باشلىق كەلسە كېكەچلەرمۇ سۆزلەپ كېتەركەن،
ئىنجىقلىغان كېسەللەرمۇ ئىنكاس ئېتەركەن،
ئېڭىكىنى تاڭغانلارمۇ دەرھال قوپاركەن،
ئۆلۈپ گۆرگە كۆمۈلگەنلەر يەرنى تېپەركەن،
نېمە ئىش بۇ ؟ چالۋاقاشما،باشلىق كېتىدۇ.
بەزەنلىرىڭ دەپسەن مېنى بەكمۇ ئۇياتسىز،-
ھېچ قانداق ئىش ھەل بولمىدى پارا- سوۋغاتسىز،
ئىش ئۈنۈمى ئاستا، لېكىن بەرمەك- ئالماق تېز ،
قېنى قانداق قىلالايتتىڭ نوچى شۇنداق بىز ،
پەملەپ سۆزلەش مەن بار تېخى،باشلىق كېتىدۇ.
بىزنىڭ يۇرتتا ئىش ئاز لېكىن قۇرۇق گەپ تولا،
يىغىن بىرلە ئىش-ئەمگەككە تەگمەيدۇ چولا،
باش بولغانلار ئىشنى شۇنداق قىلامدۇ چالا_
دەپ سۆزلەپسەن،تىلىڭنى تارت! ئەمدى بەس بولا،
سۇلار كېتىپ تاش قالغاندەك،باشلىق كېتىدۇ.
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم (ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى)