قىزلارنى ئويۇنچۇق كۆرمىگىن يىگىت
قەلەمىي
ھەۋەس ئۈچۈن قىزلارنى سۆيمىگىن يىگىت .
كەلدى -سوقتۇم دەپ يۈرۈپ كۆيمىگىن يىگىت .
كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىش پەسلەرنىڭ ئىشى ،
ئاھ قىزلارنى ئويۇنچۇق كۆرمىگىن يىگىت .
ئانىلار ئۇلۇغ ئانىلار بۈيۈك بىلەر كەڭ ئالەم .
سەنمۇ ئاشۇ ئانىلاردىن تۆرەلگەن ئادەم .
بىلسەڭ قىزلار ئەتە ئۇ ئۇلۇغ بىر ئانا ،
ئاھ قىزلارنى ئويۇنچۇق كۆرمىگىن يىگىت .
جەننەت نەدە؟- ئانىلار ئىزى چۈشكەن جايلاردا .
ئانىلارمۇ بىر قىز ئىدى ئاھ بىر چاغلاردا .
بىلسەڭ قىزلار جەننەت ھىدى پۇرىغان لالىدۇر ،
ئاھ قىزلارنى ئويۇنچۇق كۆرمىگىن يىگىت .