بىر تۈپ گۈل لاۋۇلداپ كۆيەر ياپيېشىل
بىر ئاۋاز قەلبىمنى سۆيدى ئەركىلەپ،
كۆزلىرى يۇمۇلغان ، لەۋلىرىدە چوغ.
يۈرىكىم راھەتلىك كۆيدى گۈرۈلدەپ،
يالقۇنى ھەيۋەتلىك، يالقۇنى ئۇلۇغ.
تەشنالىق تارىتىپ ئۆتۈپ يېنىمدىن،
بىر تۈپ گۈل لاۋۇلداپ كۆيدى ياپيېشىل.
سېغىنىش پاتمىدى، تاشتى قەلبىمدىن،
چۆللەردە كۆكلىدى بەشىنچى پەسىل.
كۆيمەكتە بىر تۈپ گۈل، يىغلار قىيالار،
بۇ كەڭرى ئەلەمگە ئىشقى سىغمىدى.
يېنىمدا كۆكلىدى ئۈنسىز نىدالار،
ۋەلېكىن دەردىمنى ھېچكىم بىلمىدى.
ئىشىقنىڭ سەبرىسى يۈرەكتىن تاشتى،
قەلبىمدە جۇدالىق ئۇزۇن بىر پىراق.
يوشۇرۇن ئازابىم ھەددىدىن ئاشتى،
مەن ماڭغان يوللاردا لاۋۇلدار سىناق.
چىرايلىق بىر خىيال ، چىرايلىق ئازاپ،
مېنى ھەم ئۆزىنى ئويناپ قانمىدى.
قەلبىمنىڭ سايىسى قالدى قىسقىراپ،
مېنىڭدىن يىراققا غېرىچ ماڭمىدى.
باغرىمغا چۆكمەكتە چوڭقۇر بىر يارا،
ئاغرىقى بىر گۈزەل رىۋايەت ئىسىل.
بارماقلار ئۆزئارا مەھكەم كىرىشكەن،
بىر تۈپ گۈل لاۋۇلداپ كۆيەر ياپيېشىل.
2012-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى