ئاياللار بولمىغان بولسا
دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئۆي ئىشلىرنى تۈگىتىپ بولۇپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن كۈلدۈرگە پىلاستىنكىسى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، ئادىل مىجىتنىڭ:<<ئەگەر سىلەر ئاياللار بولمىساڭلار بىز ئەرلەر ئىشتان كىيىپ نېمە قىلىمىز؟>>دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم.پىلاستىنكىنىڭ ئاخىرنى كۆرۈپ بولغىچە كاللامدا ھەرخىل خىيال،ئويلار كېزىپ مېنى قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى.
راست گەپنى قىلغاندا،ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىنى،بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرنى ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچىدىن كەلگەن، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئادەم ئاتىمۇ ھەۋۋا ئانىنى بىر كۆرۈپلا خۇددىنى يوقاتقان، ھەۋۋا ئانىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويۇپ جەننەتتىن قوغلانغان ،ئادەم ئاتا جەننەتتىن كېچەلىگەن بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزدىن كېچەلمىگەن .قارىغاندا ھەۋۋا ئانىمىزدىكى بۇ سېھرىي كۈچ بىز ئاياللارغا مىراس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. يەتتە ئاشىقنىڭ بىرى بولغان پەرھادمۇ شېرىننىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن تىلسىم تېغىنى بويسۇندۇرۇپ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى ۋە قەيسەرلىكى ئارقىلىق شاھنى قايىل قىلىپ، شېرىننىڭ ۋەسلىگە يەتمەكچى بولغان. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا پۈتۈن دۇنيانى تەۋرىتىدۇ، دېيىشىدىغۇ؟شۇنداق شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەرلىرىمزدىن قاقشاپ ،ۋايساپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى! ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،پەقەت ئاياللار بولغان جايدىلا كېلىشكەن قەددى-قامەتنىڭ،يېتەرلىك مال دۇنيانىڭ،نام- ئابروينىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىز ئاياللار ئۆزىمىزنىڭ ئەرلەرنىڭ قەلبىدە نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇردىغانلىقىمىزنى بىلىۋالساق بولىدۇ. شۇڭا بىز تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئەستايىدىل، مەسئۇليەتچان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمىزنىڭ تېخىمۇ نۇرلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز،ئاياللىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ،ئەمەلىي ھەركىتمىز ئارقىلىق ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز،ئەرلىرىمزگە ئۇلارنىڭ ھەربىر نەتىجىسدە، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىلىرىدە ئۆزىمىزنىڭ كەم بولساق بولمايدىغانلىقىمىزنى ،ئۇلارغا نىسبەتەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەرلىرىمىزگە يۆلەك بولۇشىمىز كېرەك.
ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلىمىزنىڭ پاسىبانى، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەرلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە، ئائىلىدە ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا، خىزمەتلىرىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرەيلى قېرىنداشلار...
مەنبە:شىنجاڭ ئاياللىرى