تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 15436|ئىنكاس: 8

5 خىل قوي گۆشى شورپىسى تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلغۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
138
تۆھپە
36
UID
15412
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

5 خىل قوي گۆشى شورپىسى تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلغۇسى


11111111111111.jpg


   بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەن ساقلىقىنى تەڭشەپ كەلگەن، بۈگۈن تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بۇ مەزمۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ھەمدە مۇنبەرداشلار بىلەن بەھرىلىنىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىلىم ئەھلى سۈپىتىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ق   وي گۆشىنىڭ تەمى تاتلىىق، تەبىئىتى مۆتىدىل شۇنداقلا زەھەرسىز بولۇپ، تال، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، ماغدۇر تولۇقلايدۇ، تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، پۇت- قوللارنى كۈچلەندۈرىدۇ. قاتتىق جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ ئورۇقداپ كېتىش، پۇت – قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى دەرمانسىزلىق، قۇرساق ئاغرىپ، سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ قېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ناۋادا قاراتمىلىق ھالدا رېتسىپلەشتۈرسە، دورا بىلەن گۆشنى بىللە دۈملەپ پىشۇرۇپ، شورپىسى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. گۆشىنى ۋە شورپىسىنى ئايرىم ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.

   ● كىرەش، زەنجىۋىل قوي گۆشى شورپىسى

   رېتسىپ: كىرەش 10 گرام، زەنجىۋىل 30 گىرام، قوي گۆشى 250 گرام. سۇدا قاينىتىپ، گۆشنى يۇمشاق پىشۇرۇپ، شورپىسى چىقىرىلىدۇ. شورپىسى بىلەن قوشۇپ ئىچسە گۆشىنى ئايرىم يېگەندىن كۆپ مەنپەئەت قىلىدۇ.
   تەسىرى: جىگەرنى ئىللىتىش، قان تولۇقلاش، سوغۇقنى ھەيدەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش
   داۋالاش دائىرىسى: بەدىنى سوۋۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىز بولۇش، تولا ئەسنەش ياكى سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ       قۇرساق ئاغرىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاياللاردىكى قان ئازلىق قاتارلىقلار.

   ● ئالقات، يۆگەي، مالىنا، شىزاندىرا، پاقا يۇپۇرماق ئۇرۇقى قوي گۆشى شورپىسى

   رېتسىپ: ئالقات 15 گرام، يۆگەي 15 گرام، مالىنا 10 گرام، شىزاندىرا 15 گرام، پاقا يۇپۇرماق ئۇرۇقى 10 گرام، قوي گۆشى 250 گرام.
   تەسىرى: باھنى قۇۋۋەتلەپ يىلىك تولۇقلايدۇ، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ.
   داۋالاش دائىرىسى: بۆرەك ئاجىزلىقتىن ئېھتىلام بولۇش، مەنىي بالدۇر كېتىش، كىچىك تەرەت ئۈزەلمەي كېلىش، ئۇزۇنغىچە تۇغماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر.

   ● مورىندا چاتقىلى، كۇركۇلىگۇ گۈلى، يىنياڭخو ئوتى قوي گۆشى شورپىسى

   رېتسىپ: مورىندا چاتقىلى 15 گرام، يىنياڭخو ئوتى 15 گرام، كۇركۇلىگۇ گۈلى 15 گرام، قوي گۆشى 250 گرام.
   تەسىرى: بۆرەكنى كۈچەيتىپ باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
   داۋالاش دائىرىسى: بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان كېسەللىكلەر.

   ●داۋايى قوي گۆشى شورپىسى

   رېتسىپ: بۇغا مۈڭگۈزى 10 گرام، كىل 30 گرام، كۇرنۇس 15 گرام، قوي گۆشى 250 گرام.
   تەسىرى: بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ
   داۋالاش دائىرىسى: بۆرەك ئاجىزلىق، بالدۇر ئېھتىلام بولۇش، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، بەك چارچاپ كېتىش، بەل ئاغرىش، تىزلىرى ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار.

   ● كەتىرا قوي گۆشى شورپىسى

   رېتسىپ: دارچىن 10 گرام، ئاق چوغلۇق 15 گرام، زەنجىۋىل 10 گرام، چىلان 10 گرام، چۈچۈكبۇيا 6 گرام (قۇرغاق)، قوي گۆشى 250 گرام.
   تەسىرى: تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
   داۋالاش دائىرىسى: سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىش، پۇت – قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، بەل – تىزلىرى ماغدۇرسىزلىنىش، كەچتە كىچىك تەرەپ كۆپ بولۇش.
   كىشىلەر يۇقارقى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، زۇكامداپ قىزىش، ياكى مەنپىيىلىك زەئىپلىششتىن قىزىغاندا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئالىمجان نەسىردىن




شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
18888
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدە سىناپ بېقىشقا بولىدىكەن ، بىراق ئاۋۇ  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسمىنى  تەرجىمە قىلىپ ئوقۇدۇم
كىرەش____داڭگۈي
شىزاندىرا___ۋۇ ۋېيزى
ئالقات___گوۋجىزى
يۆگەي___شۈەنخۇا
مورىندا چاتقىلى___با جى
كۇركۇلىگۇ گۈلى ____جىياڭ خۇاڭسۇ
كەتىرا____خۇاڭچى


Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
34
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت!


Rank: 4

تىللا
325
تۆھپە
106
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قان بېسىمى يوقۇرىلار ، قاندىكى ماي تەركىبى ئۆرلەپ كەتكەنلەر گۆشنى كۆپ يىيىشكە ، شورپىسىنى ئىچىشكە
بولمايدۇ ، دەيدىغان گەپمۇ بار ، بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنى بۇ خىل كۆز قاراش بىلەن ئانچە ماس كەلمەمدۇ قانداق ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
418
تۆھپە
225
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xerrari يوللىغان ۋاقتى  2012-6-20 19:26
ئۆيدە سىناپ بېقىشقا بولىدىكەن ، بىراق ئاۋۇ  ئۆسۈملۈكلە ...

تەرجىمە قىلمىساقمۇ بولىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئۇيغۇر تىۋىپلاردىن ئالىمىزغۇ ھامىنى. ...
ئۇلارغا خەنزۇچە ئاتاپ بەرسىڭىز ئاچچىقى كىلىپ قالىدۇ.


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 2

تىللا
56
تۆھپە
46
UID
19029
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇي  شۇرپىسى،   ئۇزەملا  بىر ئۇلتۇرشۇمدا   بىر  پاخلاننى يەۋىتىمەن...   


Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
178
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى.


Rank: 4

تىللا
358
تۆھپە
167
UID
3236
يوللىغان ۋاقتى 22 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تېمىكەن. تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۇر.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
356
تۆھپە
245
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ئامراق


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:39, Processed in 0.080633 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991