تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1360|ئىنكاس: 6

رۇبائىيلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
772
تۆھپە
295
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رۇبائىيلار


توزغاقتۇر ھارام يەپ قىلغان ئىبادەت،

ئېپ كېلەر زالالەت،زۇلمەت،جاھالەت.

ئەقىلنى ئىلغايدۇ ئاچال ھەم دوقال،

بالانى كۆرسىتەر خاتا ئىشارەت.


خۇدا بىر ،قۇرئان بىر ھەقتۇر بۇنىسى،

بىر ئۇلۇغ ھەقىقەت نوھنىڭ كىمىسى.

قىسمەتنىڭ چاقچىقى كەلدى ئۈزۈلمەي،

ئىبراھىم ، مۇھەممەد  ،يۈسۈپ قىسسىسى.


ھەرىنىڭ ، چاياننىڭ چېقىشى ئېنىق،

ئىتلارنىڭ قاۋىشى، تالىشى ئېنىق.

ئەجداتنىڭ كۆزدە باقساڭ ھەممىگە،

كىم ئاداش، كىم رەقىپ كۆرسىتەر ئېنىق.


ھاياتقا خۇمارىم بېسىقماس ئەبەد،

تاپقاننى تەڭ يىگەن دوستلار بىلىپ يەت.

ھېكمەتلەر بابىدا ساۋاقلار تالاي،

قىسسە ھەم رىۋايەت قەدىم بىشارەت.


مۇقەددەس مۈلكۈمدۇر ئالماس ئەقىدەم،

مەلئۇنمەن مەككارغا ئەگىشىپ يۈرسەم.

توۋامنى يوللايمەن كۈندە مىڭ قېتىم،

گۇناھكار بەندەڭنى كەچۈرگىن ئىگەم.


باھانە كۆرسەتمەن سېتىپ سەپسەتە،

بەندىگە نەھاجەت ھەشەم-دەبدەبە.

ئۈمىد ھەم ئارماندا چامدايمەن ئالغا،

پىشىمدىن تارتىدۇ پاسىقلار كۈندە.


قېرىنداش مېھرى ۋاھ، ئۇلۇغ نەقەدەر،

ئالايسا تۇنۇش كۆز ھەممىدى خەتەر.

سىرىڭنى يايغىنى تۇنۇش دۈشمەندۇر،

پەخس بول « زەمزەم » دەپ بىرىدۇ زەھەر.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىنىڭ ، چاياننىڭ چېقىشى ئېنىق،

ئىتلارنىڭ قاۋىشى، تالىشى ئېنىق.

ئەجداتنىڭ كۆزدە باقساڭ ھەممىگە،

كىم ئاداش، كىم رەقىپ كۆرسىتەر ئېنىق.


قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن.


Rank: 4

تىللا
254
تۆھپە
107
UID
6351
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىنىڭ ، چاياننىڭ چېقىشى ئېنىق،

ئىتلارنىڭ قاۋىشى، تالىشى ئېنىق.

ئەجداتنىڭ كۆزدە باقساڭ ھەممىگە،

كىم ئاداش، كىم رەقىپ كۆرسىتەر ئېنىق.

بۇ كۇبلىتنىڭ 3-مىسراسىنى «ئەجدادنىڭ كۆزىدە باقساڭ ھەممىگە» دەپ ئالسىڭىز؛

باھانە كۆرسەتمەن سېتىپ سەپسەتە،

بەندىگە نەھاجەت ھەشەم-دەبدەبە.

ئۈمىد ھەم ئارماندا چامدايمەن ئالغا،

پىشىمدىن تارتىدۇ پاسىقلار كۈندە.


بۇ كۇبلىتنىڭ 1-مىسراسىنى-

باھانە كۆرسەتمە سېتىپ سەپسەتە،دەپ ئالسىڭىز؛
قېرىنداش مېھرى ۋاھ، ئۇلۇغ نەقەدەر،

ئالايسا تۇنۇش كۆز ھەممىدى خەتەر.

سىرىڭنى يايغىنى تۇنۇش دۈشمەندۇر،

پەخس بول « زەمزەم » دەپ بىرىدۇ زەھەر.

بۇ كۇبلىتنىڭ 2-مىسراسىنى:ئالايسا تۇنۇش كۆز ھەممىدىن خەتەر دەپ ئالسىڭىز  مۇۋاپىق بولارمۇ؟بەلكىم ئەسلىدە شۇنداق يېزىلغان بولغىيتتى؟
باشقا جايلىرىدىمۇ ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن، يەنە بىر ئوقۇپ تۈزىتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ____kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 20:11  



Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
6
UID
18965
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى رۇبايىكەن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
772
تۆھپە
295
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت قېرىندىشىم، قىزىلگۈل ...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
488
تۆھپە
184
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر   رۇبائىينىڭ  ئارىلىقىغا *  بەلگىسى قويۇلۇشى كېرەك ئىدى .چۈنكى ھەر بىر رۇبائى ئۆزئالدىغا  مۇستەقىل مەنا ئىپادىلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟
ئىجادىيىتىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي .


Rank: 4

تىللا
209
تۆھپە
179
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 17:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روبايىلار ئەسلىدە مۇنداق يىزىلدىكەندە.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:42, Processed in 0.073135 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991