تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2550|ئىنكاس: 5

قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
333
تۆھپە
183
UID
322
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك


قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

قاپتۇ ئەجەپ كەچكۈزدە قۇرۇپ.

تولدى ئاچچىق كۆزلىرىم ياشقا،

ئايسىز كەچتە يۆلىنىپ تۇرۇپ.


قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

بولغان شېرىن كەچمىشكە گۇۋاھ.

قۇنۇپ يۇمران شاخلارغا سۆيگۈ،

سالغان باھار پەسلىدە ئۇۋا.


قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

ئوخشاپ قالغان مۇقەددەس جايغا.

ئاشىق جاندىن ھاياجان قايناپ،

قۇتلاپ شاھتەك مىندۈرگەن تايغا.


قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

قالغان بىزگە چوڭلاردىن ئۇدۇم.

كەچكى شەپەق قىزارغان چاغدا،

نۇرغۇن قىسسە تۇغۇلغان چوقۇم.


قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

ياشاپ كەلگەن خىلۋەتتە ئۇزاق.

ۋىسال كۈيى ياڭرىغان جۇشقۇن،

ھىجران پەيتى قۇرسىمۇ تۇزاق،


قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

قاپتۇ ئەجەپ مەزگىلسىز قۇرۇپ.

يىراق كەتكەن سۆيۈملۈك يارنى،

ئەسلەپ چىقتىم... يۆلىنىپ تۇرۇپ.


مەنبە: ئىجادىيىتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 13:16  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
319
تۆھپە
107
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ. نېمىشقا ‹‹تولدى ئاچچىق ياشقا كۆزلىرىم››دېمىدىڭىز؟راۋان بولاركەن.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،

قاپتۇ ئەجەپ مەزگىلسىز قۇرۇپ.

يىراق كەتكەن سۆيۈملۈك يارنى،

ئەسلەپ چىقتىم... يۆلىنىپ تۇرۇپ.




Rank: 4

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
268
تۆھپە
162
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
487
تۆھپە
183
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                     قونۇپ يۇمران شاخلارغا سۆيگۈ ،
                     سالغان باھار پەسلىدە ئۇۋا .   
                 
                    بۇ مىسرالارنى بەك ياقتۇردۇم.
مۇۋەپپىقىيەت سىزگە يار بولغاي.


Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
178
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:39, Processed in 0.073054 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991