تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 7854|ئىنكاس: 7

مەدەنىي پۇتبول مەستانىلىرىدىن بولايلى ![ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5647
تۆھپە
2494
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەدەنىي پۇتبول مەستانىلىرىدىن بولايلى !



    2012-يىلى 12-ماي، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تيەنجىن پاراۋۇز كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقە ئوينىشى ھېسابلىنىپ، مەيدانغا 35 مىڭدىن ئارتۇق توپ مەستانىسى كېلىپ، بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆردى ۋە پۇتبولچىلارغا مەدەت بەردى. شۇنداقلا جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرگەن پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ رېكورتىنى يېڭىلىدى.
    22-ماي، شىنجاڭ كوماندىسى يەنە ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بۇ جەرياندا مەيدانغا كەلگەن توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتتى.
    11-ئىيۇن، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىڭخەي سىنكې كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ مۇسابىقىدىمۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدىنمۇ كۆپ بولدى.
    ھەممىمىزگە مەلۇم، توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بۇ ياخشى ئەھۋال. بىراق شۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەخلاقىي، ساپاسى، گەپ-سۆز، ھەرىكەتلىرى شۇ توپ مەستانىسىنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولماستىن نۆۋىتى كەلگەندە بىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمىز، گەپ-سۆزىمىز يۇرتىمىز شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا توپ مۇسابىقىسى كۆرگەندە چوقۇم مەدەنىي، ساپالىق بولايلى، قارشى تەرەپنى تىللايدىغان، زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى ئامال بار قىلمايلى.
    پۇتبول مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ مىللەت ئايرىمايدۇ، دىن ئايرىمايدۇ، يېزىق ئايرىمايدۇ. ئۇ ھەر قانداق سىياسىي پائالىيەتلەردىن مۇستەسنا. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەستانىلىرىمۇ مېنىڭچە بۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. چۈنكى بىز بۇ يەرگە پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈش ئۈچۈن بارىمىز ھەرگىزمۇ باشقا مەقسەت - مۇددىئادا بارمايمىز. بىزنىڭ بىرلا مەقسىتىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ ھەممىمىز بىرلىكتە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزالارغا مەدەت بېرىش، ئۇلارنى قوللاش، ئۇلارغا بارىكاللا، ئاپېرىن ئېيتىش.
    ئادەم كۆپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن پۇتبول مەيدانىغا كىرگەندە ۋە پۇتبول مەيدانىدىن چىققاندا، قىستا-قىستاڭچىلىق، ئۆز-ئارا ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز چوقۇم سوغۇققان ۋە ئەپۇچان بولۇپ، قارشى تەرەپكە كەچۈرۈڭ ياكى خاپا بولماڭ دېگەندەك گەپلەرنى قىلالىشىمىز، قارشى تەرەپمۇ ھېچقىسى يوق، ھېچنىمە بولمايدۇ دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى قىلالىشى كېرەك. چۈنكى بىز شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبول مەستانىسى، چۈنكى بىز مەدەنىيەتلىك پۇتبول مەستانىسى!
     دوستلار، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە كىرىشىمۇ ئاسانغا توختىمىدى . شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى زارىقىپ كۈتكەن مىنۇتلارمۇ ئاخىرى يىتىپ كېلىپ، مانا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. مۇسابىقىلەر داۋاملاشماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشقۇسى! ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى پۇتبول مەيدانىدا ۋە ياكى سىرتىدا چوقۇم مەدەنىي بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، شىنجاڭ كوماندىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلايلى! پۈتۈن جۇڭگو خەلقى شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ مەدەنىيلىكى، ئۆز-ئارا دوستانىلىقى شۇنداقلا ئۇيۇشۇشچانلىق روھىنى ھېس قىلسۇن، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ياخشى بولغان ئوبرازىنى تىكلەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    ئالدىنقى قېتىم شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى بىر مەسئۇل خادىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، بىز مەيداندا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرۈپ بولۇپ تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلەرنى يىغىش، مەيداننى تازىلاش ئۈچۈن ھەر قېتىمدا 30 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىكەن. بۇ ئاز گەپ ئەمەس دوستلار، شۇڭا مەيدانغا نېمە ئېلىپ كەلگەن بولساق ئۆزىمىز ئېلىپ چىقىپ كېتەيلى، قالايمىقان تاشلىۋەتمەيلى، چۈنكى بۇمۇ بىر خىل مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسىدۇر.
    ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 23-ئىيۇن ئوينىلىدىغان مۇسابىقە 22 - ئىيۇنغا سۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ خەۋىرىنى يېقىندىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتقان جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى 22-ئىيۇن ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرىدىكەن ، شۇنداقلا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا توختىماي تەشۋىق قىلىنىۋاتقان شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى جۈملىدىن بىز بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرىدىكەن. شۇڭا بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىغا دەۋەت قىلىدىغىنىم مەيداندا ئامال بار مەدەنىي بولۇپ، شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ھەقىقىي جاسارىتىنى نامايان قىلايلى !

   بۇ تېما مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئەھۋال ئاستىدا باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكەلسە بولىدۇ. قانچە كۆپ پۇتبول مەستانىسى كۆرسە شۇنچە ياخشى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
uyghun + 10很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10  باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىي پۇتبول مەستانىلىرىدىن بولايلى !



مەدەنىي پۇتبول مەستانىلىرىدىن بولايلى !

مەدەنىي پۇتبول مەستانىلىرىدىن بولايلى !







Rank: 4

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
268
تۆھپە
162
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
619
تۆھپە
318
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىنى 22-چىسلا ئوينامدىكەن


Rank: 2

تىللا
89
تۆھپە
34
UID
16029
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۇقۇم بارىمەن


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
19050
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rahmat sizga manmu xundak bolxini entain kollaiman biz xinjangning hakiki obrazini yartixmiz kirak


Rank: 3Rank: 3

تىللا
165
تۆھپە
120
UID
2954
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە  بىرىپ كۇرۇپ كەلمىسەم،   


Rank: 1

تىللا
42
تۆھپە
16
UID
547
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ.چەت ئەللەردىمۇ توپ مەستانىلىرىنى «لۈكچەك مەستانە»،«ھەۋەسكار»،«ھەقىقىي توپ مەستانىسى» دەپ نەچچە تۈرلەرگە ئايرىيدىكەن.بىز ئەلۋەتتە ھەقىقىي توپ مەستانىسى بولىشىمىز كىرەك.
قاندا دىدىم جامائەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:39, Processed in 0.078284 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991