تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2023|ئىنكاس: 4

باشقىلارغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز مۇناسىۋەتتە ئۇتالايسىز[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقىلارغا ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىز مۇناسىۋەتتە ئۇتالايسىز


كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ


      كىشىلىك مۇناسىۋەتتە زىددىيەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھالەت ئۆزئارا چىرمىشىپ، مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ئادەتتە بىز ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمىز: بىرى، «رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىدۇ»، ئۆزئارا ئىچى تارلىق قىلىپ، ئاداۋەت تۇتۇش؛ يەنە بىر خىل ئۇسۇل، ئۇچرىشىپ قالغاندا بىر كۈلكە بىلەن ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ كېتىش.
      شۈبھىسىزكى، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا كېيىنكى مۇئامىلىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
      كونىلاردا «چۆمۈچمۇ قازانغا تېگىپ تۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. كۆپچىلىك بىللە ئۆگىنىمىز، بىللە خىزمەت قىلىمىز. دەرۋەقە، خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ۋاقتىمىز ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقىتتىن كۆپ، شۇڭا ئۇقۇشماسلىق ۋە زىددىيەتتىن خالىي بولالمايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا كۆپ ساندىكىلەر كۆڭلىدە غۇم ساقلايدۇ، ئازارلىشىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپچىلىك يەنىلا دائىم بىللە ئىشلەيدىغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا نىسبەتەن ئېھتىياتچان بولسىڭىز، ئۆزئارا ھېسسىياتقا ھەم خىزمەتكە تەسىر يەتمەيدۇ. زىددىيەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا كۆڭلى - كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ئۈنۈملۈك ئالاقە قىلىپ، چۈشىنىشنى كۆپەيتىڭ. بۇنداق بولغاندا ئۇقۇشماسلىقنى ئازايتقىلى، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ


      كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا باشقىلارغا شەپقەتسىزلىك قىلىشقا، ئىچى تارلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. باشقىلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا كۆز قىزارتىپ، ھەسەت قىلماڭ، باشقىلار مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە خۇشال بولماڭ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلماڭ. ئۇلارنى پۇتلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
      باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلغاندا، يېقىشلىق بولسىڭىز ئۇلار بىلەن چىقىشقىلى بولىدۇ. كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلسىڭىز، ئۇلارنى ئاسرىسىڭىز، ھۆرمەت قىلسىڭىز خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كەمتەر، ئەدەبلىك تەرىپىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز، ئۇلار سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ، سىزگە ياردەم قىلىدۇ، سىزنى قوللايدۇ ھەم چۈشىنىدۇ. چۈنكى ئادەملەر بىلەن بىللە ياشىغاندا «دۈشمەنلىك» بىلەن ئەمەس، ئادەمگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتتە ئۇتاي دېسىڭىز، ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ


      ئادەم ئۆمرىدە قانچىلىك ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ ئالمىشىشى ۋە تارقىلىشى كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىمۇ كۆپەيدى. خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك، ھەربىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان كەسىپتىكىلەر، ئوخشىمىغان تەپەككۇردىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىمىز. بۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئوخشىمىغان خاراكتېردىكىلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي.
      ئۇنداقتا، بىز ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئادەملەر بىلەن قانداق باردى - كەلدى قىلىمىز؟ شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، باشقىلارنىڭ خاراكتېرى ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىمىغانىكەن، كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلە قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىماسلىقى تەبىئىي. بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز بىلەن ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، بۇ يېرىنى كۆزىمىزگە سىغدۇرماي، ئۇ يېرىنى ياقتۇرماي يۈرمەسلىكىمىز، ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلىپ كەمسىتىدىغان ئىشلارنى تېخىمۇ قىلماسلىقىمىز لازىم. شۇڭا بۇ پەرقنى ئېتىراپ قىلىڭ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتسىڭىز، ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى ئادەملەرنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇلارنى ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشاش بولۇشقا مەجبۇرلىمايدىغان بولىسىز. شۇنداق بولغاندا، ئۆز ئارا خاراكتېر پەرقىگە كۆنگىلى بولىدۇ.

كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئۇستا بولۇڭ


      سىز دوست تاللاپ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى شەكىللەندۈرمەكچى بولغىنىڭىزدا، چىقىشقاق ئادەملەرنى تاللاڭ. بۇنداق ئادەم بىلەن قانچە يېقىن ئۆتسىڭىز شۇنچە ياخشى. چۈنكى «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ». شۇڭا ياخشى ئادەملەر بىلەن دوست بولۇڭ. ئىككىنچىدىن، چىقىشقاق ئادەملەرنىڭ دوستلىرى چوقۇم ئاز ئەمەس، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ سىزنىڭ دوستىڭىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىڭىزنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇشىڭىز ۋە كېڭەيتىشىڭىزدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.

  مەنبە: «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى»            

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
995
تۆھپە
372
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقىدۇ». دوسىت دىگەننىمۇ تاللاپ تۇتۇش لازىم ،

Rank: 4

تىللا
325
تۆھپە
106
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى تېما ئىكەن ، ھەممە ئادەم بونىڭغا ئەمەل قىلالايدىغان بولسا ، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناقلىققا چۈمۈلگەن
بولاتتى .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
487
تۆھپە
183
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمى بولۇش ناھايىتى مۇھىم ،چۈنكى سەمىمى بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

Rank: 4

تىللا
208
تۆھپە
178
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشنى ھۇرمەتلىسەڭ  كىشى سىنى ئىزەتلەيدۇ  قول قولنى يۇسا.قول قوپوپ يۇزنى يۇيار .
رەخمەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:39, Processed in 0.072690 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991