تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1428|ئىنكاس: 4

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
772
تۆھپە
295
UID
296
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم




قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم،

مەڭزىڭنى سىيلاشقا يەتسۇن قانداقمۇ.

قولۇمدا تىترىگەن  بىر سىقىم جاندا،

يۈرىكىم شەلۋەرەپ قاناپ تۇرىدۇ.

قاراقتا ئاقىدۇ دولقۇنلاپ مۇڭۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



چېچىڭنى ئويناشقا بارمىغان قولۇم،

ئەمەستى ئارىمىز ئۇنچە يىراقمۇ.

باغرىڭدىن بىر ئوتنى تۇراتتىم سىزىپ،

بېشىمدا مىڭ سەۋدا چاقماق چاقىدۇ.

يىغلىدى دەردىمگە گۈللەرمۇ يۇم-يۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



تىلىمنى چاينايمەن ئالدىڭدا سېنىڭ،

قاراقتا مۇڭ بولۇپ قاتىدۇ ئارمان.

قۇلاقنى يىرتىدۇ مۇڭلۇق بىر ئاۋاز،

قولۇمغا ئېسىلغان سەن ئەمەس جانان.

ئۆتمۈشنىڭ كۆزىدە غىڭشىيدۇ تۇيغۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



ياشىدىم ئىشقىمنى كۈيلەپ چىڭقىلىپ،

ئالدىڭدا كېكەچلەپ قالىمەن پات-پات.

يىرتىلغان كۆڭلۈمنى ياماي قانداقمۇ،

ئاھ ، مېنى قۇچاقلاپ ياتىدۇ كارۋات .

كەچمىشلەر يىغلايدۇ، يىغلايدۇ يۇم-يۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



كۆكسۈمگە قادالغان ھايات دېگەن ئوق،

ئازابلار شاد-خورام مەندە دانلىدى.

مەن سېنىڭ كۆزۈڭدە چۆكمەي-لەيلىمەي،

يۇلتۇزدەك دەردلىرىم قۇمدەك سايرىدى.

يالغۇزلۇق ئىنسانغا ئەڭ ئېغىر زۇلۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



ئېچىلدى يېنىمدا ھىجران پۈرەكلەپ،

جېنىمغا بىر كېسەل قىيام چاچىدۇ.

ئاغرىقنىڭ زارىغا لىق تولغان ئىچىم،

ھەر تىنىق ساڭىلا قۇچاق ئاچىدۇ.

سەن بىلەن بولمايدۇ بولمىغان تويۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



ئۆلۈمنى كۈيلەيدۇ ھەر بىر تىنىقىم،

بۇ دېگەن ھەممىگە تالىق ھېكايەت.

پىشانەم سۆيمەكتە ئالقانلىرىڭنى،

تىنىمگە سىغمىدىم، سىغمىدىم پەقەت.

كۆرگۈلۈك بار تېخى مالماتاڭ ئويۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



غەم بىلەن ياشىغان دەملىرىم تولا،

كۆزۈمنى يۈتمەكتە بىر دەريا پىراق.

ئۇسسۇدۇم ، قانىدىم كۆزۈڭگە قاراپ،

كەچ بولدى ، تاڭ ئاتتى ئۇيقۇدىن يىراق...

نەچارە ، دەردىمنى يىغلايدۇ يولۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



2012-يىل 6-ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1421
تۆھپە
1031
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
787
تۆھپە
450
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         شۇنداق سىرلىق مۇھەببەت،
         ئەلەملىك ئاتچىق ھىكايات.
         قول يەتمەي سۆيگەن جانانغا،
         يۇرەكتە قالدى جاراھەت،


                           ئاھ ئۇرما بۇنچە،تۇگەرسەن،
                           كۆز ياشىڭ دەريا،ئۇزەرسەن،
                           تاپالماي دىلنىڭ داۋاسىن،
                            يۇلغۇنجان كىمدىن كۆرەرسەن.

         
         
         
                             


Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىلدى يېنىمدا ھىجران پۈرەكلەپ،

جېنىمغا بىر كېسەل قىيام چاچىدۇ.

ئاغرىقنىڭ زارىغا لىق تولغان ئىچىم،

ھەر تىنىق ساڭىلا قۇچاق ئاچىدۇ.

سەن بىلەن بولمايدۇ بولمىغان تويۇم،

قولۇڭنى تۇتۇشقا يەتمىگەن قولۇم.



ھارمىغايسىز......


Rank: 4

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
268
تۆھپە
162
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:25, Processed in 0.075666 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991