چىمەن-چۈنكى سەن پەرىشتە
تەنھا ھوزۇرلىنىش ئىستىكىدە
شەپقەتسىز ھەسەتخورلۇقتىن سەسكەندىم
تالاي كۈنلىرىڭنى ئۆزگىلەرگە بەردىڭ
سايلارمۇ بېشىنى ئېگىپ ساڭا باقىدۇ
سىڭىشىپ كەتكەن قۇم ئارىسىدىكى سۇلارمۇ سۈرىتىڭگە ئايلاندى
سەن غەمسىز پەرىشتە
شور تۇپراققا چۈشكەن بىر تال ئۇرۇق
خورلۇق قامچسى يۈرىكىڭنى ئەزدى
ئاچچىق تەملىرىڭ ئۈمىدنى يەڭدى
مېھرىڭ ئەنە شۇنداق ياشايتى
تونۇشى،تۇققىنى يوق
لېكىن...
يالغۇزلۇققا تۇتقۇن بولغان يىگانە روھىڭغا سىرداش بىر مېھىر بار
ئۇنىڭ يۈرەكنى ئەزگىدەك ھەسرەتلىك يىغىسى بار
سوغۇق قەبرىگە ئوخشاش تېنىچ روھى بار
سەن پەرىشتە
چىشسىز ئېغىزلىرىڭدىن كۈلكە مارىلاپ تۇراتتى
يىغىلىرىڭدىن بوۋاقنىڭ تاتلىق ھىدى كېلەتتى
نەمخۇش قوللىرىڭ قەھۋەگە جۈر بولاتتى
ھاۋا تۇمانلىق ، كېچە سوغۇق
پەقەتلا گۈزەل بەدەننى كۆرگەندەك بولدۇم
قارا كېچىنى ساقلىدىم تۈندە
يۇلتۇز ياتىدۇ ئاسماندا خىرامان
سەن تۇمانغا تارالغان پەرىشتە
تۇمان ھىدى ھىدىمغا قوشۇلدى
تۇيۇقسىز قىزىل پەرىشتىلەر جۇدۇن بولدى
ئىشەنچ ھالىدىن كەتتى
سۈكۈت داۋام قىلدى
قاپقارا قۇلۇپ ئېچىلدى
ئۈمىد نۇرى يوقالدى
سەن يەنىلا ھايات خورلىقىدىن قۇتۇلالمىدىڭ
چۈنكى سەن پەرىشتە
‹ ئائىشە شېئىرى›