ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقىدىغانلار بىلەن مۇنازىرە
يېقىندا ماڭا بىرى ئىگىلىك تىكلەش تۈرى تونۇشتۇرغان ئىدى.مەن تەكشۈرۈۋاتقىلى 3 ئاي بولۇپ قالدى، يەنىلا ئىككىلىنىپ قالدىم شۇڭا تورداشلارغا دېسەم بىلىدىغانلار بولسا تەجرىبىسىنى ياكى ياخشى تەكلىپلەرنى بېرەمىكىن دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم. بۇ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ماشىنا يۇيۇش مۇلازىمىتى. بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە كۈنىگە 200ماشىنا نوپۇسقا ئېلىنىۋېتىپتۇ.بىر چوڭ تىپتىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا 1000~2000گىچە ماشىنا بولىدىكەن.دېمەك بۇ ماشىنىلار يۇيۇشقا مۇھتاج.بۇ خىل مۇلازىمەت ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن، دۆلىتىمىزگىمۇ 2 يىللا ئەتراپىدا بولۇپتۇ.ماڭا بۇنى تۇنۇشتۇرغان كىشى شىنجاڭدا تېخى بۇ تۈر يوق دېدى.بۇ تۈردە ئەڭ ئاساسلىقى ئەلۋەتتە ماشىنا يۇيۇش ئەسۋابى ،ئۇلار دېگىنى توك قاچىلىغىلى بولىدىغان چاقلىق ھەرىكەتچان ماشىنا يۇيۇش ئەسۋابىكەن، بېسىمى يۇقىرى ئەپلىككەن. ئۇ ماڭا مۇنداق ھىساۋات قىلىپ بەردى بىر چوڭ ئائىلىكلەر قوروسىدىكى 300 ماشىنىنى تۇتىۋالسا ئايدا 50 يۈەن 4 قېتىم يۇيۇپ بېرىدىغان مۇلازىمىتى بولسا 300 ماشىنىنىڭ ئايلىق كىرىمى 15000 بولىدىكەن.يىلدا 180000 دېگەن گەپ. مەنچە بۇ بىر ياخشى ئىگىلىك تىكلەش تۈرىكەن، لېكىن يەنىلا ئىككىلىنىپ قالدىم، تورداشلار قانداق قارايسىلەر ؟ ياخشى پىكىرلىرىڭلار بولسا بەرگەن بولساڭلار مەن مۇشۇ يازدا ئىش باشلاي دېگەن.
|