تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8636|ئىنكاس: 8

چىشىڭىزغا ئائىت تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە سەل قارىماڭ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىشىڭىزغا ئائىت تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە سەل قارىماڭ



      ئادەتتە بىز ئېغىز بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىنتايىن كىچىك مەسىلە دەپ سەل قارايمىز، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسىلا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن قىيىن. تۆۋەندە سەل قاراشقا بولمايدىغان بىرقانچە تۈرلۈك مەزمۇن بېرىلدى.
      1. ئۇخلاش قىياپىتى توغرا بولمىسا «ھىڭگاڭ چىش بولۇپ قالىدۇ»
      كالفورنىيە ئىشتاتى چىش تېبابىتى دوكتۇرى سلەۋىن: «ھەمىشە يانچە يېتىپ ئۇخلىغاندا، مەيلى ئوڭ تەرەپ بولسۇن ياكى سول تەرەپ بولسۇن، ھەممىسىلا چىش سۆڭىكى ۋە يۈز قىسمى سىقىپ چىقىرىلىدىغانلىقتىن، چىش ۋە يۈز قىسمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تەكشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئېغىرراق بولغان مىساللىرىدىن ئاساسلىقى ھىڭگاڭ چىش بولۇپ قېلىش، ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ ئېغىرراقلىرىدىن يۈز قىسمى غەيرىي شەكىلدە بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. نورمال ئەھۋالدا، چىش رەتلىك بىر قاتار تىزىلىدۇ، ئەمما ئەگەر چىش رەتلىك تىزىلمىغاندا چاينىغاندىكى بېسىم چىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چىش تەكشى بولمىغاندا باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رەتسىز چىشلارنى تەكشىلىگەندە ئاغرىقمۇ يوقايدۇ.
      2. سېغىز باكتېرىيەلەرنى تازىلىيالمايدۇ
      ئەگەر سىز ئېغىز بوشلۇقىڭىزدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى تازىلىماقچى بولۇپ، داۋاملىق سېغىز چاينىسىڭىز شۆلگەي ئاجرالمىسى تېخىمۇ كۆپ ئاجرىلىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق قىممىتىنى pH5.5 ئەتراپىدا ساقلىيالىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سېغىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى تازىلىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولساق، سېغىز چاينىغانغا قارىغاندا، توغرا ئۇسۇلدا چىش چوتكىلاش كۆپ ياخشى.
      3. چىش مىلىكى قاناپ كەتسە دىيابېت كېسىلى ئىكەنلىكىڭىزدىن پەخەس بولۇڭ
      ئىللىنۇئىس ئىشتاتى چىش تېبابىتى دوكتۇرى: «دىيابېت كېسىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بەلگىلىرىدىن بىرى چىش مىلىكى قاناش» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە: «مەن بارلىق چىش مىلىكى قاناپ كەتكەن ۋە چىش ئەتراپ سۆڭىكى بوشاپ كەتكەن بىمارلارنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ باقتىم، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ياكى دىيابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى» دېگەن.
      4. گازلىق سۇ بولسا چىشنىڭ «سۇيۇق ھالەتتىكى ئېلېكتىرلىك ئوتىغۇچىسى»
      ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى چىش تېبابىتى دوكتۇرى: «مەن گازلىق سۇنى سۇيۇق ھالەتتىكى ئېلېكتىرلىك ئوتىغۇچ دەپ ئاتىدىم، ئۇ چىشنى چىرىتىۋېتىدۇ. گازلىق پەقەتلا تاتلىق ئىچىملىك ئەمەس، ئۇنىڭدا بىر خىل كىسلاتالىق تەركىب بار. گازلىق سۇ، لىمون شەربىتى دېگەندەك گازلىق سۇ ئىچكەندە، ئەڭ ياخشىسى نەيچە ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، كىسلاتالىق تەركىبنىڭ چىش ئېمال ماددىسىنى بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.
      5. چىشقا چاپلايدىغان فار - فور چىش چاپلىقىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك
      چىش تېبابىتى دوكتۇرى كارلىن: «چىش يۈزىگە چاپلايدىغان فار - فور چىش چاپلىقىنى كىشىلەر قالايمىقان ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى. بىر قىسىم بىمارلار چىشىنى يۇغۇزماقچى بولغاندا، بىر قىسىم ئامبولاتۇرىيەلەر چىشنىڭ بىر قەۋەت يۈزىنى چىقىرىۋېتىپ، چىش چاپلىقىنى چاپلاش تەكلىپىنى بېرىدۇ. چىش چاپلىقى چىشنى مۇستەھكەم قىلالىسىمۇ، ئەمما ئەگەر پەقەتلا چىشىڭىزنىڭ ئاپئاق بولۇشىنى ئويلىغان بولسىڭىز، چىشىڭىزغا چىش ئاقارتقۇچى ئاگېنتنىلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ» دېگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 16:02  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
-★★★★★-
تىللا
188
تۆھپە
15
UID
15907
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تېما ئىكەن.


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
1
UID
18063
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىش مىلىكى  قانىسا  دىئابىت  كېسىلى  بۇلامدۇ؟


Rank: 4

ئىسىمى
نۇسرەت
تىللا
278
تۆھپە
150
UID
9024
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مۇھىم سۆزلەر ئىكەن ..


Rank: 4

ئىسىمى
سانىيە
تىللا
268
تۆھپە
162
UID
15154
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك  تىمىكەن  بىلۋالدۇق  رەھمەت


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
3
UID
19037
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن،  رەھمەت !


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
3
UID
19037
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن، رەھمەت


Rank: 4

تىللا
273
تۆھپە
146
UID
3842
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم تۇرمۇش بىلىمىدىن بىرنى بىلىۋالدۇق، رەھمەت!
تەن ئۆزىمىزنىڭ، جان ئاغرىسا يەنە ئۆزىمىزنىڭ. ئامال بار دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى چەكلەپ تۇرغىنىمىز ياخشى.


14 يىل ياخشى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئەمما مۇمكىنمۇ؟

Rank: 4

تىللا
209
تۆھپە
179
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىشىڭنىڭ باردا گۈش. يە كۈزۇڭنىڭ باردا شە كۇر .دەپتىكەن كونلار.چىشمىزنى ياخشى ئاسىرساق
بولغىدەك.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:42, Processed in 0.079139 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991