تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىغا سەمىمىي تەكلىپ
ھۆرمەتلىك تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە توربەت باشقۇرغۇچى خادىملىرىغا:
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە توربىتى،مۇنازىرە مۇنبىرى،بارمۇ دېگەن ئادرىسدىكى مىكروبىلگى قۇرۇلغاندىن بۇيان،كەڭ خەلق ئاممىسى،تورداشلارغا ناھايتى ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ كەلدى،ھەمدە كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرشىپ كەلدى،شەخسەن مەنمۇ كۈندە نەچچە قېتىم مەزكۇر توربەتكە چىقىپ كۆز يۈگۈرتىمەن.
بىراق ئۇيغۇرچە توربەت ئادىرىسى بەك ئۇزۇن،ئەستە ساقلاش قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قېتىم بۇ تورغا چىقىش ئۈچۈن،ئاۋۋال خەنزۇچە توربەتكە چىقىپ،ئاندىن ئۇيغۇرچە دېگەن خەتنى بېسىپ دېگەندەك نۇرغۇن قوشۇمچە يوللارنى بېسىپ كىرىشكە مەجبۇر بولىمىز. بولسا مىكرو بىلوگ ئادرىسڭلاردەك ئاددىي،ئەستە تۇتۇش قولاي بولغان ئادرىسقا يۆتكىگىلى بولارمۇ؟ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسغا قولايلىق شارائىت يارتىپ بېرىشى ئۈچۈن، مەزكۇر تەكلىپنى ئويلىشىپ كۆرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.