مۆلدۈر ياغدى، شەپقەتمۇ ياغدى
16 - ئىيۇن شايار ناھىيەسىدىكى ئالتە يېزا - بازار (مەيدان) دا مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بېرىپ، 790 مىڭ مودىن ئارتۇق زىرائەت زىيانغا ئۇچرىدى. نۇرغۇن دېھقان ھەسرەتكە چۆمدى. ئاۋام ھەسرەتكە چۆمگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بۇ ناھىيەنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرىدىكى دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان تىجارەتچى ئابدۇۋايىت لىتىپ بىلەن ئەنۋەر بىلال ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارغا ساخاۋەتلىك قولىنى سۇندى. ئۇلار 17 -، 18 - ئىيۇن يېڭىمەھەللە بازىرى ۋە قايلور يېزىسىدىكى مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن كەنت، مەھەللىلەردىكى 700 دىن ئارتۇق ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانغا جەمئىي 13 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدىغان يوپۇرماق ئوغۇتىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ ئىككى يېزا - بازاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە مېھىر - شەپقەت ياغدۇرغان ئىككى نەپەر ساخاۋەتچى تىجارەتچىگە كۆپ تەشەككۈر بىلدۈردى.
شايار ناھىيەلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: تاھىرجان نىياز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-19 15:51