تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 918|ئىنكاس: 2

ھەققانىي: پەنتىيات (ساتىرا)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
187
تۆھپە
64
UID
13150
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەندىيات (ساتىرا)

(سەنئەت ئۆمىكى باشلىقى تىلىدىن)


ئاپتورى: ئابدۇۋەلى راخمان


قايسى چاغ مەسئۇل بولاپتىم، سەنئەت دېگەندىن پەندىيات،

بىلمەيىن كۆڭلۈم خۇشال جاي، جەننەت دېگەندىن پەندىيات،

ۋاھ! ئارام شادلىق ماكانى، خىلۋەت دېگەندىن پەندىيات،

ھەممىسى ئوخشاش شەرەپلىك خىزمەت دېگەندىن پەندىيات،

ئۆسكىنىم ئوخشايدۇ بۇ دەپ رەھمەت دېگەندىن پەندىيات.


ساز - مۇڭى سەھرادا ياڭراپ، پۇقراغا يەتسە مەيلىتى،

راك موقام «ئۆزھال»، «ئەجەم» نىڭ دېھقانغا تەگسە لەززىتى،

قەلبىدىن ئۆرلەپ بىلىنسە لەرزان ئۇسسۇلغا ھۆرمىتى،

بولسىدى بىمارغا خۇددى پىشقان ئانارنىڭ شەربىتى،

خام ئىكەن ئۇشبۇ خىيالىم مۇنداق ئەمەلدىن پەندىيات.


گاھ قالۇر سەنئەت ئۆمەك ھېچ ئەرزىمەس ھېسابلىنىپ،

باشقا چاغ كۆرمەيدۇ رەھبەر  بوينىنى قىپاچ قىلىپ،

ھويلىغا سىغماي ئاۋارە بىر كۈنى پىكاپ كېلىپ،

بىر شەرەپ بىزنى باسادۇر تۈن كېچە قىستاپ كېلىپ،

تەل قىلىڭ ئارتىسنى تېزراق رەت - رەت دېگەندىن پەندىيات.


ھەر قېتىم كەلگەندە يۇرتقا خىزمەتكە چوڭ - چوڭ كاتىباش،

قالغۇدەك چارچاش - جاپادا بولغاچقا بەك - بەك ئالدىراش،

ھەممىدىن بىزگە زۆرۈرمىش مەزكورغا شادلىق توغرىلاش،

قىزلىرىم تازىم بەجا قىپ تانسىغا تارتىش - يورغىلاش،

ئەرلىرىڭ ئالسۇن ئارام، قوپ كەت - كەت دېگەندىن پەندىيات.


ئويلىماس ھېچكىم ئۆمەكنى نىمەت - تائاملار ۋاختىدا،

پەرىلەر ئاندىن كۆرۈنمىش ئىچكەنچە كەچتە رومكىدا،

بىر سېزىم بولغاچقا مەيدىن تۈن - تەڭدە تەقسىر كاتتىدا،

(ئۇشبۇ دەم كارىۋاتتا تاتلىق ئەلبەتتە ھەر كىم ئۇيقىدا،)

«شەندەيۋاڭ ماڭسۇن ئۆمەككە، ھەيدەت!» دېگەندىن پەندىيات.


يوليۇرۇق ئىچكەنچە كەسكىن ھەددىممۇ ئۆي - ئۆي چاپمىسام،

بولمىدى مۇمكىن كېچىچە دەرۋازىلارنى قاقمىسام،

ئاي بىلەن يۇلتۇزمۇ كۈلدى سەت تىل - ھاقارەت ئاڭلىسام،

مەن لاياقەتسىز ئاتالدىم قىزلارنى دەرھال  تاپمىسام،

قىز قېنى؟ بوپ كەتتى نەچچە سائەت دېگەندىن پەندىيات.


بەس كېچەي مۇنداق «شەرەپ» تىن رۇخسەت قىلىڭلار مەن كېتەي،

مۇندا كۆرگەن كۈنلىرىمنى كىملەرگە يىغلاپ دەرت تۆكەي،

گەر قىزى تۈنتەڭدە كۈتسە مىھماننى تەقسىر نە دېگەي،

ئويلىبان ئۆز قىزلىرىنى زەررىچە ئىنساپ كۆزلىگەي،

شول كېچە ياغدى ئۆمەككە بەرىكەت دېگەندىن پەندىيات.


مەنبەسى: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 12:56  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1440
تۆھپە
946
UID
372
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەر ماۋۇ تېمىنىڭ مۇنبەر باش بېتىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ماۋزۇسىنى توغرىلاپ قويۇڭلار. ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. مەن ھەممىڭلارنىڭ ئەستايىدىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 01:10  



شېئىر ــــ  بىر سېھىرلىك ئوت ، ئۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى بەرگىدە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ جەۋھەرلىرى كۈۋەجىسە ، شەپەق رەڭ يالقۇنلىرى مەۋجىدە بۇ دۇنيانىڭ ساپلىققا تويۇنغان قويۇق ھەقىقىتى گۈرۈلدەپ تۇرىدۇ ...

Rank: 3Rank: 3

تىللا
148
تۆھپە
53
UID
5535
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشلىق دىگەن بارچە رەسۋالىق،چىرىكلىك،پەسكەشلىككە ئۆزىنى ئۇرۇپ بەندىنىڭ ھەم تەڭرىنىڭ نەزىرىدىن تېزلا چۈشۈپ كېتىدىكەن!!!

قارىماققا تۈزۈكلەر،قەد-قامىتى ۋىجىكلەر،

ئەمما نەپسى چوڭلۇقتا،يالماۋۇزغا شېرىكلەر.




مەنپىئەتكە ھېرىسمەن،ئويلار پەقەت ئۆزىنى،

ئىنساۋىنىڭ قۇلپىسى_دەرۋازىسى ئىتىكلەر.




گاللىرىدىن بۇلغۇنۇپ،ئادەملىكتىن ئۆزگۈرۈپ،

ئەل قەلبىدە بۇرۇنلا چىرىپ ئۆلگەن مىيىتلەر.




قانائەتنى-نومۇسنى قايرىپ قويۇپ بىر چەتكە،

نەدە ئولجا،نەدە نەپ، ھېدلايدىغان گىدىكلەر.




مەككارلىقتىن پۇل تاپار تاپقاندىمۇ غول تاپار،

ماراپ دايىم ئارقا يول،ئارقا كوچا-ئىشىكلەر.




جامائەتنىڭ ئىشىنى ھۆددە قىلىپ خوجامغا،

ئارىلىقتىن شىرىنكا سوراپ يىگەن بېدىكلەر.




دىيانەتتىن سۆز ئاچۇر پىنھاندا بار سودىسى،

پايدا بېرەر ھەسسىلەپ پاختا،كۆمۈر، تىۋىتلەر.





شەھۋەت ئىزدەر شەمۇ-شە،ھۆججەتلىرى ئاتچوتتۇر،

ھۇزۇر ئالدى ئاجايىپ نەپسى شەيتان"يىگىت"لەر.




ئەلگە يامان كۆرسۈتۈپ ئوبرازىنى رەھبەرنىڭ،

سۈزۈك ئەينەك يۈزىگە چاپلاشقان داغ-چىكىتلەر.




ساڭگىلىتىپ قورساقنى سامان تىققان تاغاردەك،

ئۇياتمايدۇ يالماشتىن ھارام پۇلغا سېزىكلەر.




پاك كادىر دەپ ئىشىنىپ ئەل بېشى قىپ سايلىساق،

ئۆز نەپسىگە چوغ تارتتى نەدە قالدى ئۈمۈتلەر.




پەرۋا قىلماس بوپ كەتتى خۇپسەنلىشىپ قەستەنگە،

تەنقىت يېزىپ تۇرسىمۇ چىرىكلىككە گېزىتلەر.




يۇقىرى ۋە تۆۋەننىڭ ئارىسىغا شەك سېلىپ،

پەيدا بولغان زىيانداش قان شورىغۇچ زۈلۈكلەر.




" ئۈچكە ۋەكىل بول"دىسە "ھەئە،ماقۇل "دەپ قويۇپ،

بېسىپ دائىم تۆۋەننى "چوڭ"نى كۆرسە ئۈگۈچلەر.




كۈندە لەنەت ياغدۇرار چىرىكلىككە ئەل شوڭا،

تىرىك تۈگۈل گۆردىكى ھەتتا سانسىز شېھىدلەر.




دەبدەبىلىك سۆزى بار: "مەن خەلقىمگە چاكار"دەپ،

ئەمما ئەھۋال ئەكسىچە كۆڭلى ئەلگە يىرىكلەر.




يۈز كېتىدۇ ئاشۇنداق نەپسىنى چىڭ تۇتمىسا،

ئاچكۆزلۈككە داۋا يوق ئامالسىزدۇر تېۋىپلەر.




بىلمەي كەتتى خۇدىنى چىرىك كۆككە بوي تارتىپ،

پات-پات ئۇرۇپ تۇرساقمۇ ئاچچىق قامچا- چىۋىقلەر.




قاچان نەپسى غالىپلار مىرادىغا يەتكەن بار؟

تولدى ئەمدى پەيمانىڭ ھۇشۇڭنى تاپ چىرىكلەر


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.069588 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991