تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 4692|ئىنكاس: 6

ئابدۇقادىر جالالىدىن :ۋەتەن ۋە ئىمان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
136
تۆھپە
110
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇقادىر جالالىدىن :ۋەتەن ۋە ئىمان





ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟  
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟

تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،   
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟  
قەلەمنى مەشئەل قىپ مۈدۈرۈپ ئۆتتۈڭ،  
ئۆپكەڭمۇ يوغىناپ ، يۆتىلىپ ئۆتتۈڭ .   

ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،

قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،  
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،   
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.   
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،

قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.  

سەپ تۈزۈپ ھەر رەڭدە پەسىللەر ئۆتتى ،
«ۋەتەن » دەپ باھادىر نەسىللەر ئۆتتى .  
ئەۋلادقا پەقەتلا ۋەتەن قالىدۇ ،  
باشلاردىن نى ئەقىل نەقىللەر ئۆتتى .  
ۋەتەن چۆچەك ئەمەس، سەجدىگاھىڭدۇر،  
ۋە يا ئەرمەك ئەمەس، باشپاناھىڭدۇر.  

«ۋەتەن __ جانان » دېدىڭ ، جانان تېپىلار ،   
ۋەتىنىڭ بولسىلا ھامان تېپىلار،  
غۇربەتتە تېنىگەن ساياقلارغىمۇ ،  
شاھانە قەسىر ھەم ئايۋان تېپىلار .  
بەزىدە ۋەتەنسىز سۇلتان بولىدۇ،  
ئۆزىنىڭ گۆشىگە ئوتۇن بولىدۇ .  

ۋەتەن ئەسقاتىدۇ ئۆلگەنلەرگىمۇ،  
نەپسىنىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەرگىمۇ ،   
ھەتتا ئوسمىسىنى سېتىپ خوتۇنىنىڭ ،   
بىر ئۆمۈر تاماشا كۆرگەنلەرگىمۇ .  
لېكىن ھاقارەتتە قالدى قەبرىسى،  
تالاي ئاھانەتتە قالدى نەۋرىسى.  

ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟   
ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1236
تۆھپە
891
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىلنىڭ  نەسلىمۇ  ،ئەسلىمۇ ،ۋەسلىمۇ ئىسىل .


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
787
تۆھپە
450
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،  
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،   
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.   
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.  


                 
             بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 00:39  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
787
تۆھپە
450
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋەتەنگە ئىخلاستا باقساڭ ئېڭىشىپ،
قۇۋمىڭنىڭ يىلتىزى ياتار چىرمىشىپ،  
چاقنايدۇ مازاردا فوسفور يالقۇنى،   
كۆكتىكى يۇلتۇزلاربىلەن سىردىشىپ.   
بۇ يەردە بۇغرا ھەم ئوغۇز ياتىدۇ،
قوقاسقا ئايلانغان يۇلتۇز ياتىدۇ.  


         
             بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   igilmes تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 00:39  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
خاسىيەت ئىمىن
تىللا
135
تۆھپە
71
UID
16875
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇر قىلدىم مەن شېىرنى ئوقۇپ،
خىيالىم قاناتلاندى ھەر ياققا ئۇرۇپ.
ياشايلى دۇنيادا ئارزۇغا تۇلۇپ،
باتۇر-ئەزىمزەت،ئوغلانلار بولۇپ.
ئانا ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ،
ئەل-ۋەتەن، خەلقنىڭ ئۈمۈدى بولۇپ.



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1421
تۆھپە
1031
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

تىللا
142
تۆھپە
66
UID
10059
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ۋەتەن ئىمان بىلەن بىر تەن ئەمەسمۇ؟
    ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەسمۇ؟
   
    «ۋەتەن ۋە ئىمان»نى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئۆزىگە قارىتىپ يازغان بولسا، بىر قەدەر ئادىل بولغان بولىدۇ. ئەكسىيچە باشقىلارغا زورلاپ تاڭغان بولسا، بۇ ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بۇ ئىستىداتلىق مۇتەپەككۈرىمىز نۇرغۇن ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. لېكىن ئۇ نىمىنى كۆزلەپ ئىشلىدى ؟ كىملەر ئۈچۈن ئىشلىدى؟ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم مىللەت مۇتەپەككۈرىمۇ ۋە ياكى ئىسلام مۇتەپەككۈرىمۇ دېگەن سوئالنى ئىختىيارسىز يادىمىزغا ئالىمىز.
     ۋەتەن ئىمان بىلەن قانداق بىر تەن بولالايدۇ ؟ بۇ قانداق سەپسەتە؟ ئىسلام پىرىنسىپلىرى ۋەتەن ئايرىمايدۇ، مىللەت ئايرىمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلام پىرىنسىپلىرى بىلەن زىتلىشىدۇ. زىيادە ۋەتەنپەرۋەرلىك جاھان ئۇرۇشىنىڭ مەنبەسىدۇر. ۋەتەننى زىيادە سۆيۈش ئاللاھ نى سۆيۈش بىلەن تەڭلىشەلەمدۇ؟ ۋەتەننى لايىغىدا مەدىيىلەشكە بولىدۇ. زىيادىلەشتۈرۈش پىتنە-پاساتقا مەنبە بولىدۇ. شۇڭا، ۋەتەن ئىمان بىلەن ھەرگىز بىر تەن بولالمايدۇ. بىر ۋەتەن تۇپرىقىدا مۇسۇلمانلارمۇ، غەيرى مۇسۇلمانلارمۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تېخى شاھادەت ئېيتمىغان غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئۆز بىلگىنىمىزچە ئىمان بىلەن سۈپەتلىسەك، بۇ قايسىبىر ئىشاننىڭ شىڭ شىسەينى پەيغەمبەر دەۋالغىنىغا ئوخشاش تارىخىي تەكرارلىنىش بولمامدۇ. ۋەتەن ئىمانسىزغا ماتەم ئەمەس. بەلكى مۇستەھكەم قورغان بولىدۇ. ئەكسىيچە، ئىمانلىقلارغا ماتەم بولىدۇ. سىز بىر ۋەتەنپەرۋەر شائىر بولسىڭىز ئىمان-ئىسلامدىن سۆز ئاچماڭ. بۇنداق قىلىش قانۇنسىز دىننىي تەشۋىقات بولۇپ قالمامدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىم ئىسلام ئۈچۈن، مۇسۇلمان ئۈچۈن  بىرەر ئىلمىي ئەمگەك قىلىپ باققانمۇ؟ كىم جاۋاپ بېرەلەيدۇ ؟ قارىغاندا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمگە ئىسلام مۇتەپەككۈرى دېگەن شەرەپلىك نامدىن كۆرە، مىللەت مۇتەپەككۈرى دېگەن نام  باب كەلگۈدەك. شائىر ھامان يالغان سۆزلۈك كېلىدۇ.  ئۇ، قىلغاننى قىلمىدىم، قىلمىغاننى قىلدىم دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق بىر ھەدىس قالغان: «بىرىڭلارنىڭ ئىچى شېئىر بىلەن تولغىنىدىن، قان-يىرىڭ بىلەن تولغىنى ياخشىراق».


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-25 23:39, Processed in 0.073820 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991