چىرايلىق
يېشىلققا پۈركەنگەن،
سەھرايىمىز چىرايلىق.
ئەتراپىدا سايرايدۇ،
بۇلبۇللارمۇ چىرايلىق.
ئېتىزلاردا شوخ ناخشا،
قىزلىرمىز چىرايلىق.
ئەمگەك بىلەن ياراشقان،
باغلىرمىز چىرايلىق.
سالا - سالا ئېتىزدا،
زىرائەتلەر چىرايلىق.
دېھقانلىرىمىز ياراتقان،
ئالتۇن باشاق چىرايلىق.
ئويناقشىيدۇ ھايۋانلار،
قىلىقلىرى چىرايلىق.
ئوماق ئوغلان - قىزلىرمىز،
يۈرۈشلىرى چىرايلىق.
ئېگىز - ئېگىز چوققىدا،
ئاق لىباسلار چىرايلىق.
قاتار - قاتار باغلاردا،
مېۋىلىرىمىز چىرايلىق.
ئۇزۇن - ئۇزۇن سوزۇلغان،
يوللىرىمىز چىرايلىق.
ئەتراپىغا تىكىلگەن،
ئورمانلىرىمىز چىرايلىق.
قورۇق باسقان يۈزلەرنى،
دېھقانلىرىمىز چىرايلىق.
چىن بولاقتەك كۆزلىرى،
ئانىلىرىمىز چىرايلىق.
ئۇيان - بۇيان ئۆتۈۋاتقان،
ماشىنىلىرىمىز چىرايلىق.
قولى مەھكەم روللاردا،
ئوغلانلىرىمىز چىرايلىق.
رەستە - رەستە سېلىۋەتكەن،
ئۆيلىرىمىز چىرايلىق.
قاڭالتىرلىق قىلىۋەتكەن،
ئۇستىلىرمىز چىرايلىق.
كۇك لىباسنى تارتىۋالغان،
يايلاقلىرمىز چىرايلىق.
يۈگۈرۈشىدۇ ئۇچقاندەك،
چارۋىلىرىمىز چىرايلىق.
ئەتىگەندە ھەم كەچتە،
ئۇپۇقلىرمىز چىرايلىق.
بىزنى دائىم ئويغاتقان،
قۇشلىرىمىز چىرايلىق.
ئەقلىڭىزنى ياشناتقان،
ساپ ھاۋالار چىرايلىق.
مارجان كەبى چۈشۈۋاتقان،
سۇلىرىمىز چىرايلىق.
ئالتۇن ئۇزۇك، ياقۇت كۆز،
سەھرايىمىز چىرايلىق.
ئەل مىساقتىن ياشىغان،
پۇقرالىرمىز چىرايلىق.
ئادىل ئابابەكرى 2012.6.17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-19 12:41