تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1411|ئىنكاس: 2

كىبىرلىكنى تاشلىغىن ئىنسان[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
762
تۆھپە
392
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 17:02:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىبىرلىكنى تاشلىغىن ئىنسان


كىبىرلىكنى تاشلىغىن ئىنسان،

بۇ دۇنياغا پەقەت سەن مېھمان.

شۆھرەت ئابرۇي قوغلاشما ھەرگىز،

ئارمانلىرىڭ قالار پەرىشان.


ئەل قەلبىدە كۆكلە چىنار بوپ،

ئاۋام سېنى ماختاپ ئۆتسۇن خوپ.

نۇقسانلىرىڭ قالار ئېچىلىپ،

كۆز بويىساڭ تاۋكانى قۇرۇپ.


كەمتەرلىكتىن تۇتقىن ياخشى يول،

ئاجىزلارغا ئاچقىن سېخىي قول.

قەلبىڭ سۈزۈك تاڭدەك ئېچىلسۇن،

ئەل ۋەتەننىڭ پەرۋىشكارى بول.


مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بولسۇن،

ھۆرمەتلىگىن كۆڭلى سۆيۈنسۇن.

قۇياش كەبى ھارارىتىڭدە،

توڭلىغانلار ئىللىپ كۆيۈنسۇن.


بىر نان تاپساڭ يېرىمنى يېگىن،

يېرىمىنى يوقسۇلنىڭ دېگىن.

شۆھرىتىڭنىڭ بەختلىرىنى،

ئەتراپتىكى ئەلدىن ئىزدىگىن.


چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 12:33  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
213
تۆھپە
183
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايېتى ياخشى يىزىپسىز .پىكىر قىلىشتىن ئېرىنگەن ئادەم.ئەڭ ئاددى ئىشنىمۇ بىرياققا
ئىلىپچىقالمايدۇ.مۇۋاپىقيەت قان تەر  بەدلىگە ئۇنگەن خۇشپۇراق چاچقۇچى ئەتىرگۇل .
رەخمەت شىرڭىزغا .داۋاملىق يىزىپ تۇرغايسىز.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
490
تۆھپە
184
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز . دىمىسمۇ  ئادەم  گۈزەل پەزىلەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغىنىدا  تېخىمۇ خۇشال ياشىيالايدۇ .
سىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.070370 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991