پۇتبول مەستانىلىرىگە خۇش خەۋەر
يېقىندا تورداشلار «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوچۇق خەت»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە پۇتبول» قاتارلىق يازمىلارنى يېزىپ، شىنجاڭدىكى پۇتبول مۇسابىقە ئەھۋالىنى تېلېۋىزوردىن بىۋاسىتە كۆرۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئىشەنچلىك خەۋەرگە قارىغاندا، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ مۇسابىقە ئەھۋالىنى تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتقان، بۇنى شىنجاڭ تەنتەربىيە قانىلى (10 - قانال) بىلەن 5 - قانال ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىكەن، ھازىر تەييارلىق خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ. بەلكىم بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئەھۋالى تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-19 12:22