كىچىك چاغلىرىمدا مومامنىڭ نۇرغۇن "خوراپىي" ئىشىلىرىنى ئۇچرىتاتتىم، مومام قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ "خۇراپىي"لىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمىلا بولۇپ قالدى، ئەپسۇس كىچىك چاغلىرىمدىكى مائارىپ ماڭا كونا ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خوراپاتلىق دەپ ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاكى 2003 - يىلىغىچە مىراس ژورنىلىدا ئاشۇ "خوراپاتلىق"لارنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك "خوراپاتلىق"لارنى خاتىرىلەپ قويمىغانلىقىمنى، ھىچ بولمىغاندا ياخشىراق دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەستە ساقلىۋالمىغانلىقىمنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مومىسى ھايات بولغان تەلەيلىك تورداشلارنىڭ مومىلارلا قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇنداق "خوراپات" لىقلارغا سەل قارىماسلىقىنى، خاتىرلەپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىپ، مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ئەسەرنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم.

كىتاپنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: