تېلېفون
.
(مۇزاتى)
.
ئالاقىنى راۋان قىلغان تېلېفون،
ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلغان تېلېفون؛
يىراقنى ھەم يېقىن قىلغان تېلېفون،
كۆپ ۋاقتىڭنى تېجەپ قالغان تېلېفون.
.
كىردى سىڭىپ تۇرمۇشنىڭ ئۇ قېتىغا،
ھەم ئايلاندى كىشىلەرنىڭ دوستىغا؛
ياققاچقا ئۇ چوڭ-كىچىكنىڭ دىتىغا،
بارچە دىلنى رازى قىلغان تېلېفون.
.
تۇرۇپ ئۆيدە جاھان ئىشىنى بىلەر،
قىلسا زاكاز تاۋار-ماللار ھەم كېلەر؛
ئۇنىڭ بىلەن شادلىنىدۇ قەلىبلەر،
ئالاقىغا كۆۋرۈك سالغان تېلېفون.
.
يۈرۈشمەيدۇ ئالاقىمىز بولسا كەم،
ياخشىلىقتىن بەرگەچ خەۋەر دەممۇ-دەم؛
دوستلۇقىمىز ئۇنىڭ بىلەن مۇستەھكەم،
مۇھاببەتكە ئەلچى بولغان تېلېفون.
.
قەدەم بېسىپ ھەممە جايغا ئالدى يول،
قىلدى خىزمەت، ئېرىنمىدى بولدى قۇل؛
ئالاقىدا ئۇچقۇر قانات بىر دۇلدۇل،
ئۇچۇرلارنى تېز تاراتقان تېلېفون.
.
دائىم ھەمراھ ئايرىلمايدۇ يېنىڭدىن،
بېرەر ئۇچۇر سىر ساقلىماي سېنىڭدىن؛
قىلغان خالاس ئالاقىدا غېمىڭدىن،
چىن دىلىڭدىن ئورۇن ئالغان تېلېفون.
.
يەتكۈزىدۇ ساڭا مېھرى-ۋاپانى،
تارتقۇزمايدۇ خەت يېزىشتەك جاپانى؛
چاندۇرمايدۇ سەندىكى يوق ساپانى،
يۈرىكىڭگە ئوتنى سالغان تېلېفون.
.
سۆزلىرىنى ئېيتالايدۇ كۆرمەستىن،
ئارلىق يىراق، پۇرسەت يوق دەپ يۈرمەستىن؛
بىراۋ بىلەن تونۇشىسەن سەزمەستىن،
كۆڭۈلنى-كۆڭۈلگە قاتقان تېلېفون.
ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن: مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)