ئايرىلىش ۋە بەخت (نەسر)
سوغۇق شىۋىرغان جاندىن ئۆتكۈدەك،قەھرىتان قىش ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئىدى. يېنىڭدا ،ئاللىقانداق شېرىن خىياللارغا غەرق بولۇپ، سېنىڭ گەپ قىلىشىڭنى ساقلاپ ئولتۇراتتىم. ئەشۇ ۋاقىتتا گەرچە،سوغۇق جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، سېنىڭ يېنىمدا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەنىلا يۈرۈكۈم ياق پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى،ئىنتايىن شېرىن بىرخىل ئىسسق ئېقىم ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان ئىدى.
-ئايرىلىپ كېتەيلى-تۇيۇقسىز قىلغان سۆزۈڭدىن پۈتۈن جىسمىم تەۋرەپ كەتكەنلىكىنى ھازىرمۇ ھېس قىلالايمەن.
-نېمە-تەئەججۈپ ئىلكىدە قىلغان سۆزۈمگە، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماستىنلا ،ئورنۇڭدىن تۇرۇپ،كەتمەكچى بولدۇڭ.
-نېمىشقا-دېدىم،قولۇڭغا ئېسلىپ تۇرۇپ. قولۇمنىڭ قاتتىق سىلكىنگىنىدىن كېيىن،ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ،كۆزلىرىڭدە بىر خىل ئۆچمەنلىك ئۇچقۇنلىرىنى كۆردۈم.سەن ئارقىڭغا بۇرۇلۇپمۇ قويماستىن كەتتىڭ.مەن قاتتىق ئازاپ ئىلكىدە نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. سەن كەتتىڭ. بىراق،مېنىڭ پاك سۆيگۈمنى خارلاپ،ئەقىدەمنى چەيلەپ،يۈرۈكىمنى داغلاپ،ساڭا بەرگەن مۇھەببىتىمنى ئالداپ كەتتىڭ.
شۇ جايدىن قانداق قايتىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.لېكىن،ئايىغىم ئاستىدا غىرىسلاپ،چەيلىنىۋاتقان ئاپئاق قارغا ئۆزۈمنى ئوخشاتقىنىم مەڭگۈئېسىمدىن چىقمايدۇ.
شۇ كۈندىن بېرى،مېنىڭ ھاياتىمدا خۇشاللىق ،بەخىت،دېگەنلەر ئويلاشقىلا بولىدىغان ئەمما،چۈشۈمدىمۇ كۆرۈش،مۇمكىن بولمايدىغان، مەۋھۇم ھېسيات ئېقىمىغا ئايلىنىپ، مەندىن مەڭگۈ ۋىدالاشتى.
ھازىر مەن ئاللىقاچان بىر مەجنۇنغا ئايلىنىپ بولغان.نېمە ئۈچۈن مېنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ،ماڭا نامەلۇم،لېكىن،-سەندىن مەڭگۈئايرىلمايمەن.سېنى مەڭگۈ سۆيۈپ ئۆتىمەن،سەندىن ئايرىلغان كۈنۈم مېنىڭ ئۆلگەن كۈنۈم-دېگەن ۋەدىلىرىڭ،مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى ئېنىق بولغان ھەقىقەت.
چاچلىرىمغائىشىق سەۋداسىىنىڭ سەۋەبىدىن ئاق سانجىلغان،ئىشتىيىم تۇتۇلۇپ،ئورۇقلاپ،بىرتېرە-بىر ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالغان تۇرقۇمنى كۆرسەڭ بەلكىم،-بىچارە-دىيىشىڭ مۇمكىن.
ئەمما،شۇنى،بىلگىنكى بىچارە مەن ئەمەس بەلكى دەل .ئۆزۈڭسەن.چۈنكى،مەن ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن،ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك،ئەقىدەمگە ۋاپا قىلالادىم.
بىراق سەنچۇ؟سەندە،ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىدە ۋاپا،چىن سۆيگۈ،ئەھدى-ۋاپا دىگەنلەرنى ھىس قىلالىغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بولمىغانلىقى،ئۈچۈن سەن بەك-بەكمۇ بىچارىسەن.
مەن ھالسىز،كۈچ-ماغدۇرسىزمەن،لېكىن،باغرىمدىكى،مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان پاك مۇھەببىتىم بىلەن سەندىن مەغرۇر ۋە كۈچلۈكتۇرمەن.
ئەڭ مۇھىمى شۇكى مەن، ئۆزسۆيگۈنۈمگە بەخىت تىليەلىگەنلىكىم،مۇھەببىتىمنى مەڭگۈ قەدىرلىيەلىگەنلىكىم،ئەقىدە-ۋاپا،پاك-سۆيگۈم ئۈچۈن ياشىغانلىقىم ئۈچۈن،ساڭا قارىغاندا،مەڭگۈ بەخىتلىكمەن.