تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2210|ئىنكاس: 1

شاياردا مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەردى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
150
تۆھپە
49
UID
1784
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 15:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شايار ناھىيەسىدە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەردى17- ئىيۇن ئەتىگەندە مۇخبىر شايار ناھىيە رەبەرلىرى باشچىللىقىدىكى ناھىيەلىك مۆلدۈر ئاپىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقداش،ياردەم بېرىش گوروپپىسى بىلەن بىرگە مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن يېزا-كەنتلەرگە باردى.يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ كونا قالغاچ كەنتىدىكى 350مودىن ئارتۇق كېۋەز مۆلدۈرنىڭ تەسىرىدە ئېغىر نابۇت بولغان بولۇپ،پاكار ئۆسكەن كېۋەزلەر يەرگە چاپلىشىپ كەتكەن،ئىگىز ئۆسكەن كېۋەزلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى چۈشۈپ،چوكىغا ئوخشاپ قالغانىدى.تال باراڭدىكى ئۈزۈملەرمۇ يەرگە تۆكۈلۈپ كەتكەنىدى.چىلان،قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق باشقا خىلدىكى زىرائەتلەرمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نابۇت بولۇپ كەتكەنىدى.ھەر قايسى مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەن يېزا-كەنتلەردە ناھىيە،يېزا رەبەرلىرى،ياردەمگە ئاجىرتىلغان كادىرلار دېھقانلارغا ئاپەت ئالدىدا تەخىر قىلماي،قاراپ تۇرماي،دەرھال ھەركەتكە كېلىپ،قايتا تېرىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ،ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ھەققىدە تەشۋىق –تەربىيە،يېتەكچىلىك خىزمىتى ئىشلەۋاتاتتى. يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ كونا قالغاچ كەنت 5-مەھەللىسىىدىكى دېھقان ئەھەت ئىمىن مۇخبىرغا«: 38مو كېۋىزىمنىڭ ھەممىسىنى مۆلدۈر سوقۇۋەتتى.ئورنىغا تەكرار قوناق ۋە كۈزلۈك تاۋۇز تېرىپ زىياننى تولدۇرىمەن،ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈپ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ياردەم قىلىدىكەن،سوغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىدىكەن.بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قايتا تېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك»دېدى.
16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 3دىن ئاشقاندا شايار ناھىيەسىدە تۇيۇقسىز ھاۋا تۇتۇلۇپ،بوران چىقىپ،ئارقىدىن قاتتىق يامغۇر ياغدى.مۇشۇ جەرياندا بۇ ناھىيەنىڭ شايار ،يېڭىمەھەللە بازىرى،يانتاقشەھەر،قايلور،نۇرباغ يېزىسى ۋە يېڭى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئالتە يېزا-بازار(مەيدان)لاردا مۆلدۈر يېغىپ،دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچۇردى.مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ناھىيەلىك پارتىكۇم،خەلق ھۆكۈمىتى دەرھال مۆلدۈر ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك گوروپپىسى قۇرۇپ،ئالاقىدار ئىدارە – ئورۇن،يېزا-بازار(مەيدان) رەھبەرلىرىنى سەپەرۋەرلىك قىلىپ،ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە  ئاتلىنىپ كەتتى.دەسلەپكى كۈندىكى تەكشۈرۈش مەلۇماتىدىن قارىغاندا بۇ قېتىمقى مۆلدۈر ئاپىتىدە ناھىيە بۇيىچە179مىڭ مو كېۋەز،بۇغداي ئاساس قىلىنغان ھەر خىل زىرائەت ،مىۋىلىك دەرەخ زىيانغا ئۇچۇرغان.زىياننىڭ ئۇمۇمى قىممىتى 149مىليۇن يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.قايلور،نۇرباغ يېزىلىرى،يېڭى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئاپەت ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان.نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى،سوغۇرتا تارماقلىرىنىڭ ئاپات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش،قۇتقۇزۇش گوروپپىسى شايار ناھىيەسىگە يېتىپ كېلىپ،ناھىيە رەھبەرلىرى،ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرگە ئاپەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش،قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.
شايار ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى؛تاھىرجان
نىياز(13031275750)

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 13:32:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ كونا قالغاچ كەنت 5-مەھەللىسىىدىكى دېھقان ئەھەت ئىمىن مۇخبىرغا«: 38مو كېۋىزىمنىڭ ھەممىسىنى مۆلدۈر سوقۇۋەتتى.ئورنىغا تەكرار قوناق ۋە كۈزلۈك تاۋۇز تېرىپ زىياننى تولدۇرىمەن،ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈپ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ياردەم قىلىدىكەن،سوغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىدىكەن.بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قايتا تېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك»دېدى. ››
=========
بۇ كىشىگە شۇنداقلا ئاپەتكە ئۇچۇرغان دىھقانلارغا چۇڭقۇر قايغۇرىمەن ، ھۆكۇمەتنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا زىرائەتلەرنى تىرىپ زىياننى ئازلىتىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:25, Processed in 0.070160 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991