تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1071|ئىنكاس: 3

يۈرىكىم سۆزلەيدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
543
تۆھپە
303
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 10:42:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرىكىم سۆزلەيدۇ

(نەسىرلەر )

ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي

قول ئۇزاتماقچى بولدۇم ،ئەڭ نازۇك جايلىرىڭغا ،چۈنكى بىرى سېنى پاك ئەمەس دىگەن ئىدى . سىناپ باقماقچى بولدۇم ،ئەمما ئۇنداق قىلمىدىم .سېنىڭ كۈلكەڭ مېنى ھەممىدىن ۋاز كەچتۈردى . كىمگە كۈلۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم .ئېھتىمال ، ياكى ئۇ ياكى مەن ئىشقىلىپ بىرىمىز قاپقانغا دەسسىدۇق . ھېچكىم ياش تۆكۈشكە ئەرزىمەيتى، ئەرزىگەنلەر بىر تامچىمۇ ياش تۆكمەيتى . بۇ سەن ۋە مەن دائىم  تەكرارلايدىغان گەپلەر ئىدى . لېكىن ھەر ئىككىمىز ياش تۆكتۇق ...


ئاي چىقمىغان كېچە ،بىز دالىدا قاياققا مېڭىشنى بىلمىدۇق .ئارلىقىمىز بەش سانتا ئىدى . ئاخىرى سەن ماڭا مەن ساڭا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق . شۇنىڭدىن بۇيان سەن مېنى، مەن سېنى رىئاللىقتىن ئىزدەپ تاپالمىدۇق . چۈنكى ھەر ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە يوشۇرنىۋالغان ئىدۇق ...

دۇنيادا ئەڭ تاتلىق ،ئەڭ گۈزەل نەرسە بار دىيىلسە ئۇ دەل -سېنىڭ لېۋىڭ . كۈللى ئالەمدىكى ئەڭ ئېسىل كەمپۈتلەرمۇ سېنىڭ لېۋىڭدەك تاتلىق ئەمەس .ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرمۇ سېنىڭ لېۋىڭگە جور بولىۋاتقان دەقىقىلەردەك گۈزەل ئەمەس .تۇرمۇشمۇ ھەم شۇنداق ،لېۋېڭدىن ئايرىلغان تۇرمۇش مەڭگۈ ئاچچىق ،مەڭگۈ قاڭسىق .پەقەت لەۋلىرىڭدىن تامغان مۇھەببەتلىك ئېقىنلار ئارقىلىق تۇرمۇش ھەم گۈزەل ھەم تاتلىق . شۇ سەۋەب ئەڭ تاتلىق ،ئەڭ گۈزەل نەرسىنى باشقا جايدىن ئەمەس پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ لېۋېڭدىنلا ئىزدەيمەن ...

بالىلىقىم چىغىر يولغا ئاشىنا ئىدى . چىغىر يول ھېكايىنىڭ ئۇۋېسى ئىدى . نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم .نۇرغۇن يىل شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى . ئادەملەر توپىغا كىرىپ كەتتىم .ئېھتىمال ،ئويغۇنۇشقا باشلىدىم ...

مەن مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئويناشنى ياقتۇرمايتىم .باشقىلارنىڭ مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناشقا كىرىشىپ كەتتىم . مەن تېپىشماق ئېيتىشنى ياقتۇرمايتتىم ،باشقىلارنىڭ توختىماي تېپىشماق ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ تېپىشماق ئېيتىشقا كىرىشىپ كەتتىم .مەن باشقىلار چۈشەنمەيدىغان دەبدەبلىك گەپلەرنى قىلىشقا قىزىقمايتىم ، شۇنداق گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاۋېرىپ ئۇنىڭغىمۇ كىرىشىپ كەتتىم . ھەي ،مەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىقىشنى ياخشى كۆرمەيتىم ،ئەمدى ھەممىگە قارا قويۇق قىزىقىدىغان بولۇپ قالدىم ...

بۇ يەردە دۆت ئادەملەر يوق ، پەقەت كاللا ئىشلەتمەيدىغان ئادەملەر بار . ھېچكىم ئۆزىنى دۆت دىمەيدۇ ، دۆت بولسىمۇ دىگۈسى كەلمەيدۇ . ئەمما مەن ئۆزۈمنى دۆت دىدىم . چۈنكى مەن تېخى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ...

مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىۋېرىپ، نۇرغۇن نەرسىلىرىمنىڭ بويۇن قىسىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم ...

بۇ يەردە دۈشمەن يوق .ئىگىز- پەسلىكمۇ يوق . ئېسىل -خارلىقمۇ يوق . پەقەت مىھرىبانلىق بار ، كۆيۈنۈش بار ،غەمخۇرلۇق بار ،ئاددىيلىق بار ...قارغاندا بىز دوسىت ئوخشايمىز ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-17 14:55  


ئاچىل تېلۋېزىيسى
قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 13:28:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارچە نەسىرلەر ئىكەندە ؟ ياخشى يىزىپسىز !! بالىلىق بىلەن دۆت ئادەم ماڭا يارىدى .


Rank: 4

تىللا
213
تۆھپە
183
UID
18149
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
490
تۆھپە
184
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز  ،ئەڭ ئاخىرىدىكىسىنى بەك ياقتۇردۇم .
تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەيسىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.072818 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991