تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 4

بىلقىز سۇلايمان :بەختلىكمەن[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
254
تۆھپە
107
UID
6351
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 22:36:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەختلىكمەن


بىلقىز سۇلايمان


بەختلىك قىزىمەن ئانا يۇرتۇمنىڭ،

ئۆسكىنىم گۈل يېزا، چىمەنلىك قىرغاق.

قۇلىقىم تۈۋىدە ياڭرايدۇ مۇقام،

ھېسلىرىم دېڭىزدەك تىنىمسىز ئويغاق.


ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان، قەھرىمان خەلقى،

مول ھوسۇل كانىدۇر بۇ مۇنبەت تۇپراق.

قاشتېشى ماكانى دەريا ساھىلى،

مەشۇتنىڭ ئاساسى ھەر يېشىل ياپراق.


گۈللىدى ئىلىم - پەن، مىللىي تېبابەت،

تاپماقتا بىمارلار كېسەلگە داۋا.

سۇلىرى مىسالى زەمزەمدىن ئارتۇق،

يۈرەكنىڭ راھىتى بۇندا ساپ ھاۋا.


بۇ گۈزەل گۈلشەندە بۇلبۇل ناۋاسى،

كۈيىگە يۈرىكىم تەڭكەش ھەر زامان.

ئۈندەيدۇ ئۇ مېنى ئىجاد قىلىشقا،

قوزغىتىپ قەلبىمدە شېئىرىي ھاياجان.


ھۆر ھايات قاينىغان ئالتۇن دىيارىم،

كۈنسېرى گۈللىنىپ ئاچماقتا چېچەك.

زوقلىنىپ ھۆسنۈڭگە قانمىدىم شۇنچە،

كەلگۈسى ئىقبالدىن نىشان ھەر چېچەك.


بەختلىك قىزىمەن ئانا يۇرتۇمنىڭ،

خۇشالمەن بولسىلا ئەل - يۇرتۇم ئامان.

ماكانىم چىمەنزار، ئۈستۈمدە قۇياش،

بىزەيمەن يۇرتۇمنى تەر تۆكۈپ ھامان.


1983-يىل  18 - يانىۋار ئۈرۈمچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 13:05  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
630
تۆھپە
362
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 13:24:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادا خاتالىق بارمۇ ياكى مەن خاتا كۆرۋاتامدىم !!


Rank: 4

تىللا
254
تۆھپە
107
UID
6351
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 17:33:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nifit يوللىغان ۋاقتى  2012-6-18 13:24
ئىملادا خاتالىق بارمۇ ياكى مەن خاتا كۆرۋاتامدىم !!

ئەلكاتىپنىڭ بۇرۇنقى خەت نۇسقىسىدا  ئۇرۇلغان يازما ئىدى،شۇ پېتى يوللىنىپتۇ.
باشقۇرچىلار ئېغىر كۆرمەي،خەت نۇسقىسىنى ئۆزگەرتىپ قويغان بولساڭلار .رەھمەت.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
خاسىيەت ئىمىن
تىللا
135
تۆھپە
71
UID
16875
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتلىق  يوللۇرۇڭ  بولسۇمۇ  ئۇزاق،
قالدۇرغان مەنىلىك ئىزلىرىڭ قالىدۇ بىراق.
ھاياتلىق يولىڭدا قىلساڭ كۆپ ئەجىر،
يات ئېتىدو خەلقىڭ مىۋىلىرىڭدىن شۇنداق..


Rank: 4

تىللا
254
تۆھپە
107
UID
6351
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-26 00:30, Processed in 0.071913 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991